قىسمەن يېڭى ئاشلىق تۈرلىرىنىڭ بازارغا كىرىشى بۇغداي باھاسىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن

gulbostan 2017-05-24 17:43:46

\

5-ئاي كىرگەندىن بۇيان، خۇبېينىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يېڭى بۇغداي ئارقا-ئارقىدىن ئورۇلۇپ پارچە سېتىش بازىرىغا كىردى. باشلىنىش باھاسى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا نىسبەتەن يۇقىرى بولدى. كونا بۇغداينىڭ باھاسى مۇقىملىق ئىچىدە سەل-پەل تۆۋەنلىدى. بۇغداي كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئەھۋالىنىڭ پۈتۈشۈش نىسبىتى شىمالنىڭ ئېشىپ جەنۇبنىڭ تۆۋەنلىدى. خەلقئارالىق بازاردا پۈتۈن يەرشارى بويىچە بۇغداي بىلەن تەمىنلەش يىتەرلىك بولۇپ، ئامېرىكىدا بۇغداينىڭ قەرەللىك مال نىسبىتى ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كەڭ تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا ئۆتكۈنچى يامغۇر زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن باھاسى يۇقىرى بولدى. بازار ئۆلچەپ تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، 5-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلاردىكى ئۇن ياساش كارخانىلىرى ئادەتتىكى بۇغداينىڭ بىر توننىسىنى 2670~2570 يۈەن ئەتراپىدا زاۋۇتقا كىرگۈزدى. ھەپتىلىك نىسبىتى 10 يۈەن \توننا تۆۋەنلىدى. 2017-يىلى 18-قېتىملىق جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باش شىركىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سېتىۋالغان بۇغداي باھاسى كۆرسەتكۈچى 139.76 بولۇپ، ھەپتىلىك نىسبىتى %0.18 تۆۋەنلىدى.

5-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۆلەت ئاشلىق ئىدارىسى، جۇڭگو يېزائىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى، جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش باش شىركىتى بىرلىشىپ مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىق ماي سېتىۋىلىش تېلېۋىزىيىلىك تېلېفۇن يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك يازلىق ئاشلىق ماي ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، ھەمدە مەھسۇلات مىقدارى ۋە سېتىۋىلىش مىقدارىنىڭ يەنىلا يۇقىرى سەۋىيىنى ساقلايدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. نۆۋەتتە، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش ئومۇمىي جەھەتتىن تولۇق بولۇپ، بازار باھاسى تۆۋەن نۇقتىدا ئايلىنىۋاتىدۇ. يېڭى ئاشلىق بازارغا كىرگەندىن كېيىن باھاسى تۆۋەنلىشى، بۇغداي ۋە چىلگە شالنى ئەڭ تۆۋەن باھادا سېتىۋىلىش لايىھەسىنى ئىجرا قىلىش مۇمىنچىلىكى يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. نۆۋەتتە، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچى رايونلاردا يەنى جەنۇبنىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا بۇغداي ئورۇش باسقۇچىغا كىردى، شىمالنىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا بۇغداينىڭ ئورۇلۇشىغا يەنە مەلۇم ۋاقىت بار. بۇ يىلقى يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش، سېتىش ۋەزىيىتىگە قانداق قاراش، ھەرقايسى بازارلارنىڭ سۇبېيكتى قانداق بىر خىل كەيپىياتتا بۇ يىلقى يازلىق ئاشلىق سېتىۋىلىشقا يۈزلىنىشى كېرەك دىگەندەك مەسىلىلەر ھازىر بۇغداي بازىرى دۇچ كېلىۋاتقان تاللاش يۆنىلىشى بولۇپ قالدى.

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، چىكاگو قەرەللىك مال بىرژىسىنىڭ 7-ئايدىكى بۇغداي قەرەللىك مال باھاسى 9-1\2 سېنت بولدى، راسچوت باھاسى ھەر بۇشىل 4.35-1\4 سېنت ئەتراپىدا بولدى، ئارقىدىن يەنە ئۆسۈپ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باھا 4.36-3\4 سېنتقا چىقتى. بۇ ھەپتىدە چىكاگو قەرەللىك مال بىرژىسىنىڭ 7-ئايدىكى يۇمشاق قىزىل كۈزگى بۇغداينىڭ باھاسى تەخمىنەن 2-1\2 سېنت ياكى %0.57 ئۆرلىدى.

ئىگىلىنىشىچە،بۇ ھەپتىدە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچىنىڭ چۈشۈشى %2 دىن ئېشىپ كەتتى،بۇنىڭ تەسىرىدە ئامېرىكا زىرائەتلىرىنىڭ پۈتۈن يەرشارى بازىرىدىكى جەلپ قىلىش كۈچى ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە 5-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە ئامېرىكا كۈزگى بۇغدىيىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بولۇش نىسبىتى %51 بولۇپ، مۆلچەرلەنگەن قىممەت %52 دىن سەل تۆۋەن بولدى. ئامېرىكا يېزائىگىلىك مىنىستىرلىقى (USDA) ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىغان ئېكسپورت قىلىش سېتىش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە، ئامېرىكا بۇغداي ئېكسپورت قىلىش سېتىش ساپ مىقدارى 40 مىڭ 600 توننا بولۇپ، بازار مۆلچەرىدىكى 60-20 مىڭ توننىدىن يۇقىرى بولدى. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى،7-ئايلىق مال تاپشۇرۇش نىسبىتى بويىچە ئامېرىكا 2-نومۇرلۇق يۇمشاق قىزىل كۈزگى بۇغداينىڭ باھاسى 174.8 دوللار \توننا (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 1202يۈەن\توننا) بولدى؛ جۇڭگونىڭ چېگرا ئېغىزىدا باجلاتقاندىن كېيىنكى ئومۇمىي تەننەرخى 1771 يۈەن \ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 80 يۈەن\توننا يۇقىرى بولدى.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.