نەق مال سېرىق پۇرچاق باھاسى تۆۋەنلىدى

karima 2017-04-26 16:53:35

\


ئارگىنتىنا نەق مال سېرىق پۇرچاق باھاسى سەيشەنبە كۈنى تۆۋەنلىدى، سەۋەبى بازار CBOT سېرىق پۇرچاق باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ تۆۋەنلىگەن.

ئارگىنتىنا دانلىق زىرائەت سودا مەركىزى روسارىئو ، نەق مال سېرىق پۇرچاق بازار يېپىلىش باھاسى چارشەنبە كۈنى ھەر توننىسى 3600 پىسو بولدى. بۇ سەيشەنبە كۈنىدىكى 3650 پىسودىن تۆۋەن بولدى.

سودىگەرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئارگىنتىنا نەق مال سېرىق پۇرچاق باھاسى ئامېرىكا قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھا يۆنىلىشى بويىچە ئەگىشىپ ماڭغان.

CBOT قەرەللىك سېرىق پۇرچاق بازار يېپىلىش باھاسى سەيشەنبە كۈنى تۆۋەن باھادا يېپىلدى، سەۋەبى تېرىش سۈرئىتى مۆلچەردىكىدىن تېز بولغانلىقتىن مەبلەغ سالغۇچىلار پايدىنى ئۈزگەن.

ئارگىنتىنانىڭ جەنۇبىي پورتىدا، نەق مال سېرىق پۇرچاق باھاسى ھەر توننىسى 3600 پىسو بولۇپ، Necchea پورتىدا نەق مال سېرىق پۇرچاق بازار يېپىلىش باھاسى 3500 پېسو بولدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.