ئامېرىكا كۆممىقۇناق تېرىلغۇ كۆلىمى مۆلچەرى تۆۋەنلىدى

karima 2017-04-03 11:42:25

\

دۈشەنبە كۈنى قەرەللىك كۆممىقۇناق باھاسى %1 كە يېقىن يۇقىرى ئۆرلەپ، ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى، سەۋەبى ئامېرىكا يېزا- ئىگىلىك مىنىستىرلىكى (USDA )نىڭ تېرىلغۇ كۆلىمىگە بولغان مۆلچەرى بازار مۆلچەرىدىن تۆۋەن بولغان، بۇ بازارغا تىرەشلىك ئېلىپ كەلگەن.

CBOT قەرەللىك كۆممىقۇناق باھاسى ھەر بۇشىل 3.67-1/4 دوللار بولۇپ، %0.82 يۇقىرى ئۆرلىگەن، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى بازار يېپىلىش باھاسى %1.9 يۇقىرى ئۆرلىگەن.

قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسى %0.1 يۇقىرى ئۆرلەپ، ھەر بۇشىل 9.46-3/4 دوللار بولدى؛ ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى %1.8 تۆۋەنلەپ، 9.44-1/4 دوللاردىكى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى، بۇ 10- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا ھېسابلىنىدۇ.

USDA نىڭ مۆلچەرىدە ، 2017- يىللىق ئامېرىكا سېرىق پۇرچاق تېرىلغۇ كۆلىمى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 89 مىليون 500 مىڭ گېكتارغا يەتكەن، بۇ تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرىدىكى 88 مىليون 200 مىڭ گېكتاردىن يۇقىرى بولغان.

ئامېرىكا كۆممىقۇناق تېرىلغۇ كۆلىمى 89 مىليون 9960 مىڭ گېكتار بولۇپ، بازار مۆلچەرىدىكى ئوتتۇرچە قىممەت 90 مىليون 9690 مىڭ گېكتاردىن تۆۋەن بولغان.

USDA نىڭ پەسىللىك دانلىق زىرائەت زاپاس مىقدارى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 3- ئاينىڭ1- كۈنىگىچە بولغان ئامېرىكا كۆممىقۇناق زاپاس مىقدارى 8616 مىليون بۇشىل بولۇپ، يىل بويىچە ھېسابلىغاندا %10 ئاشقان، بۇ بازار مۆلچەردىكى ئوتتۇرچە قىممەت 8534 مىليون بۇشىلدىن يۇقىرى بولغان.

بۇغداي زاپاس مىقدارى يەنىلا 1655 مىليون بۇشىل بولۇپ، 1988-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا ھېسابلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.