قەرەللىك كۆممىقۇناق باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى

karima 2017-03-30 13:27:25

\


چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزى CBOT قەرەللىك كۆممىقۇناق باھاسى چارشەنبە كۈنى كىچىك دائرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ، ئۇدا ئىككىنچى كۈنلۈك ئۆرلەش ھالىتىنى كۆرسەتتى، سەۋەبى ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكى USDA جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان تېرىش خاھىشى ۋە پەسىللىك دانلىق زىرائەت زاپاس مىقدارىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، مەبلەغ سالغۇچىلار قولىدىكى چۈشۈش ماللېرىنى چىقارغان.

5- ئايلىق توختام بازار يېپىلىش باھاسى 3/4 سېنت يۇقىرى ئۆرلەپ، ھەر بۇشىل 3.58-1/2 دوللار بولدى.

مەزكۇر توختام يۆنىلىشى تەۋرەنمە تەۋرىنىش بولۇپ، ئالدىنقى كۈنى كەچتە چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىگەندىن كېيىن چۈشۈپ ، ئارقىدىن يەنە قايتا يۇقىرى ئۆرلىدى.

دوۋ جونېس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تەھلىلچىلەرنىڭ ئوتتۇرچە مۆلچەرىدە، ئامېرىكا 3- ئاينىڭ1- كۈنى شۇ پەسىللىك كۆممىقۇناق زاپاس مىقدارى 8551 مىليون بوشىل قىلىپ مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، 2017- يىللىق كۆممىقۇناق تېرىش كۆلىمى بەلكىم 91 مىليون 34 مىڭ گېكتارغا يېتىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا يېزا- ئىگىلىك مىنىستىرلىكى 4- ئاينىڭ1- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 0:00 دە پەسىللىك دانلىق زىرائەت زاپاس مىقدارى ۋە تېرىش خاھىشى دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ.

تەھلىلچىلەرنىڭ ئوتتۇرچە مۆلچەرىدە. ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتىلىك كۆممىقۇناق ئېكىسپورت سېتىش مىقدارى 1-1.5 مىليون توننا ئارلىقىدا بولۇشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن.

ھەپتىلىك ئېكىسپورت سېتىش دوكلاتى پەيشەنبە كەچتە ئېلان قىلىنىدۇ.

بۈگۈن CBOT قەرەللىك كۆممىقۇناق سودا پۈتۈم مىقدارى 221225 قول قىلىپ مۆلچەرلەندى.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.