ئارگىنتىنا كۆممىقۇناق مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

karima 2017-03-15 17:07:47

\

ئامېرىكا يېزا- ئىگىلىك مىنىستىرلىكى (USDA) ئېلان قىلغان 3- ئايلىق دۇنيا يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلات مىقدارى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016/17 يىللىق ئارگىنتىنا كۆممىقۇناق مەھسۇلات مىقدارى 37.5 مىليون توننىغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئالدىنقى ئايلىق مۆلچەر قىممەتتىن %3 يۇقىرى چىقىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %29 ئاشقان.

كۆممىقۇناق تېرىلغۇ كۆلىمى مۆلچەرى 4.6 مىليون گېكتار بولۇپ، ئالدىنقى ئايلىق مۆلچەر قىممەتتىن %2 يۇقىرى چىقىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %31 ئاشىقان. يەككە ئىشلەپچىقىرىش مۆلچەرى 8.15 توننا/ گېكتار بولۇپ، ئالدىنقى ئايلىق مۆلچەر قىممەتتىن %1 كە يەتمىگەن ئاساستا يۇقىرى چىققان، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %2 كېمەيگەن .

يامغۇر چۈشۈپ تۇپراقنىڭ نەملىكى ياخشى بولغاچقا، زىرائەت ئۆسۈش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك ياخشى بولغان.

كۆممىقۇناق زىرائىتى دان تۇتقاندىن كېيىن ھاۋارايى ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ قۇرۇتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش مەسىللېرى چەكلىك بولغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.