دۆلىتىمىز بۇغداي ۋە گۈرۈچنىڭ تېخىمۇ «مۇۋاپىق» سېتىۋېلىش باھاسىنى بېكىتىدۇ

gulbostan 2017-02-06 17:15:35

\

مەدىنىيەت مالىيە خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: بېيجىڭ 6-فېۋرال خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك كىچىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەن جۈننىڭ بۈگۈن ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت تېخىمۇ «مۇۋاپىق» بولغان بۇغداي ۋە گۈرۈچنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى بېكىتىپ، بازارنىڭ ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىكەن.
پۈتۈن دۇنيادىكى تەمىنلەش ئېشىنچىلىقى مەزگىلىدە، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى سېتىۋېلىش قارارىنى تۆۋەنلىتىش سىگىنالى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومېتىتى بۇلتۇر 10-ئايدا 2017-يىللىق بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى ئېلان قىلغان. گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2017-يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان بۇغداي (3-دەرىجىلىك) نىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى ھەر 50 كېلوگىرامنىڭ 118 يۈەن بولغان بولۇپ، 2016-يىلىدىكى سەۋىيەنى ساقلىغان، گەرچە پۈتۈن دۇنيادا بۇغداينىڭ باھاسى چوڭ دائىرىدە چۈشكەن بولسىمۇ، تۆۋەن سۈپەتلىك بۇغداينىڭ ئامبار زاپىسى ئاشقان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.