پاختا بازىرى نۆۋەتتە USDA تەمىنلەش ئېھتىياج دوكلاتىنى كۈتمەكتە

karima 2017-01-12 15:00:58

\


چارشەنبە كۈنى قىتئەلەر ئارا سودا مەركىزى (ICE) قەرەللىك پاختا باھاسىدا چوڭ تەۋرىنىش بولمىدى، مەبلەغ سالغۇچىلار پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلدىغان ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكى (USDA) ئېلان قىلدىغان دۇنيا يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلات تەمىنلەش ئېھتىياج دوكلاتىنى كۈتمەكتە.

Varner Brokerage رەئىسى Rogers Varner ئىپادە بىلدۈرۈپ : " بۈگۈن سودا سۇس بولدى. تەمىنلەش ئېھتىياج دوكلاتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلدىغان بولۇپ، ھېچكىم دوكلاتنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن توختامنى بىكار قىلمىغان."

3- ئايلىق ICE قەرەللىك پاختا توختام بازار يېپىلىش باھاسى 0.05 سېنت تۆۋەنلەپ، ھەر قاداق 73.14 سېنت بولدى، تەۋرىنىش دائىرسى 72.99-73.81 سېنت بولغان.

قەرەللىك بازار ئومۇمىي سودا پۈتۈم مىقدارى 2,785 قول ئېشىپ، 28,567 قولغىچە بولدى. سانلىق ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى سودا كۈنىدە سېتىلمىغان توختام سانى 1,390 قول ئېشىپ، 264,089 قول بولدى.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.