ئامېرىكا سېرىق پۇرچاق باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى

karima 2017-01-11 12:45:53

\

سەيشەنبە كۈنى ، ئامېرىكا سېرىق پۇرچاق نەق مال باھاسى قەرەللىك مال بازىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆستى.

ئامېرىكا قولتۇقى، ئامېرىكا 1- نۇمۇرلۇق سېرىق پۇرچاق نەق مال ئوتتۇرچە باھاسى ھەر بۇشىل10.5475 دوللار بولۇپ، ھەر توننىسى 387.6 دوللار بولدى، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 9سېنت/ بۇشىل بولدى. لۇئىسسانا قولتۇقى ئاساس باھا پەرق 3- ئايلىق CBOT قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسىدىن 40-42 سېنت يۇقىرى چىقىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 40-41 سېنتقىچە يۇقىرى بولدى.

ئىللىنوئىس شىتاتىنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونىدا، سېرىق پۇرچاق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى سېتىۋالغان سېرىق پۇرچاق ئوتتۇرچە باھاسى ھەر بۇشىل 10.0775 دوللار بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 8.5 سېنت ئاشتى. ئاساس باھا پەرق 3- ئايلىق CBOT قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسىدىن تۆۋەن بولۇپ، ھەر بۇشىل 12 سېنت بولۇپ تەڭلەشتى، ھەم ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى بىلەن تەڭلەشتى.

سەيشەنبە كۈنى، چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزى (CBOT) قەرەللىك سېرىق پۇرچاق بازار يېپىلىش باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى. 2017- يىل 1- ئايلىق توختام ئالمىشىدىغان قەرەللىك سېرىق پۇرچاق توختام باھاسى 9 سېنت يۇقىرى ئۆرلەپ، 1005.5 سېنت/ بۇشىل؛ 3- ئايلىق قەرەللىك توختام بازار يېپىلىش باھاسى 8.5 سېنت يۇقىرى ئۆرلىدى، 1013.75 سېنت/ بۇشىل بولدى.
ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.