سېرىق پۇرچاق باھاسى تۆۋەنلىدى

karima 2016-12-01 11:07:29

\

چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا سېرىق پۇرچاق نەق مال بازار باھاسى تۆۋەنلىدى.

ئامېرىكا قولتۇقى ، ئامېرىكا 1- نۇمۇرلۇق سېرىق پۇرچاق نەق مال ئوتتۇرچە باھاسى ھەر بۇشىل 10.6375 دوللار بولۇپ، توختام ھەر توننىسى 390.9 دوللار بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 7.25 سېنت/بۇشىل بولغان. لۇئىسسانا قولتۇقى ئاساس باھا پەرق CBOT نىڭ 1- ئايلىق قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسىدىن 30-33 سېنت بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 26-31 سېنت يۇقىرى بولغان.

ئىللىنوئىس شىتاتىنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلېرىدا، سېرىق پۇرچاق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى سېتىۋالغان سېرىق پۇرچاق ئوتتۇرچە باھاسى ھەر بۇشىل 10.2375 دوللار بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 10.25 سېنت تۆۋەنلىدى. ئاساس باھا پەرق CBOT نىڭ 1- ئايلىق قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسى 12-5 سېنت تۆۋەن چىقىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى بىلەن تەڭلەشكەن.

چارشەنبە كۈنى، چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزى (CBOT) قەرەللىك سېرىق پۇرچاق بازار يېپىلىش باھاسى تۆۋەنلىدى. 1- ئايلىق توختام ئالمىشىدىغان قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسى 10.25 سېنت تۆۋەنلەپ، ھەر بۇشىل 1032.25 سېنت بولدى؛ 3- ئايلىق قەرەللىك سېرىق پۇرچاق بازار يېپىلىش باھاسى 9.75 سېنت تۆۋەنلەپ، 1041.25 سېنت بولدى.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.