فرانسىيە بۇغداي باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى

karima 2016-11-30 18:34:35

\


ئۆتكەن بىر ھەپتىدە فرانسىيە بۇغداي باھاسى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىدى، سەۋەبى قاتتىق يامغۇر فرانسىيە بۇغداي زىرائىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان. نۆۋەتتە فرانسىيە بۇغداي باھاسى قارا دېڭىز بۇغداي باھاسىدىنمۇ يۇقىرى بولدى.

فرانسىيە يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق يېزا-ئىگىلىك ئىش بېجىرىش ئىشخانىسى ئېلان قىلغان سانلىق ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتىلىك فرانسىيە پورتىدىكى بۇغداي (ئاقسىل تەركىبى %11 بولغان) باھاسى ھەر توننىسى 176.52 ياۋرۇ بولۇپ، توختام باھاسى ھەر توننىسى 187.82 دوللار بولغان، بۇ ئالدىنقى بىر ھەپتىدىكىدىن %0.6 ئاشقان بولۇپ، 11- ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى يىل ئىچىدىكى يۇقىرى نۇقتىغا يېقىنلاشقان.

روسىيە يېزا-ئىگىلىك بازار تەتقىقات مەركىزى ( IKAR)نىڭ سانلىق ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرلاشقۇچە، ئاقسىل تەركىبى %12.5 بولغان روسىيە بۇغداينىڭ قارا دېڭىز باھاسى ھەر توننىسى 184 دوللار بولغان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن 1 دوللار ئاشقان.

ئوكرانىيە تەھلىلچى ئورگىنىنىڭ ئېيتىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە پەيشەنبە كۈنىگىچە، بۇغداي باھاسى ( ئاقسىل تەركىبى %12.5 بولغان) ھەر توننىسى 183 دوللاردا مۇقىملاشقان.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.