پاختا باھاسى ئۇدا تۆت كۈن ئۆلەش ھالىتىنى ئاياغلاشتۇردى

karima 2016-11-21 13:19:47

\


قىتئەلەر ئارا سودا مەركىزى ICE) ( قەرەللىك پاختا باھاسى جۈمە كۈنى ئۇدا تۆت كۈن ئۆسۈش ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇردى، سەۋەبى پايدىنى ئۈزۈش بېسىمىغا ئۇچرىغان. ئالدىنقى كۈنى دوللارنىڭ كۈچىيشى تۈرتكىسىدە ئۈچ ئاي ئىچىدىكى يۇقىرى نۇقتىغا چىققان.

3- ئايلىق قەرەللىك پاختا توختام بازار يېپىلىش باھاسى 0.22 سېنت تۆۋەنلەپ، ھەر قاداق 72.32 سېنت بولدى، پەيشەنبە كۈنى 8- ئاينىڭ12- كۈنىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا 72.75 سېنت بولغان.

مەزكۇر توختام بىر ھەپتىدە جەمئىي %4.8 يۇقىرى ئۆرلەپ، بەش ھەپتىدىن بۇيانقى ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان بىر ھەپتە بولدى.

پاختا ۋاستىچىلىك شىركىتى Keith Brown and Co نىڭ قۇرغۇچىسى Keith Brown ئىپادە بىلدۈرۈپ،" جۈمە كۈنى قەرەللىك مال باھاسى بىر ئاز تۆۋەنلىدى، بۇ ناھايىتى نورمال ئەھۋال. چۈنكى ئېكىسپورت سودىگىرى نۆۋەتتە پاختا سېتىۋالماقتا، كېيىن سېتىۋالسا تېخىمۇ قىممەت بولۇپ كېتىدۇ، مېنىڭ قارىشىمچە بىز نۆۋەتتە دوللار كۈچىيىپ باھا ئۆرلەيدىغان مەزگىلدە." دەپ ئېيتقان.

قەرەللىك مال بازىرىنىڭ ئومۇمىي سودا پۈتۈم سانى 21,431 قول كېمىيىپ،33,050 قولغىچە بولغان.

سانلىق ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى سودا كۈنى سېتىلمىغان توختام سانى 4,179 قول ئېشىپ، 250,111 قولغىچە بولغان.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.