ئامېرىكا كۆممىقۇناق باھاسى تۆۋەنلىدى

karima 2016-11-17 12:42:09

\


چارشەنبە، ئامېرىكا كۆممىقۇناق نەق مال باھاسى تۆۋەنلىدى، ئاساسلىقى دوللار پېرۋوت نىسبىتىنىڭ ئېشىش بېسىمىغا ئۇچرىدى. چارشەنبە، دوللار پېرۋوت نىسبىتى 13- يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى.

ئامېرىكا قولتۇقى، 2- نۇمۇرلۇق سېرىق كۆممىقۇناق باھاسى ھەر بۇشىل 3.745 دوللار، ھەر توننىسى 150.9 دوللار بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 2.5 سېنت/ بۇشىل بولغان. لۇئىسسانا ئاساس پەرق باھاسىCBOT نىڭ 12- ئايلىق قەرەللىك كۆممىقۇناق باھاسىدىن 35-37سېنتقىچە يۇقىرى چىققان.

ئىللىنوئىس شىتاتىنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلېرىدا، كۆممىقۇناق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى 2- نۇمۇرلۇق سېرىق كۆممىقۇناق ئوتتۇرچە باھاسى ھەر بۇشىل 3.40 دوللار بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 3 سېنت تۆۋەنلىگەن. ئاساس پەرق باھاسىCBOT نىڭ 12- ئايلىق قەرەللىك كۆممىقۇناق باھاسىدىن 10-13سېنتقىچە يۇقىرى چىققان بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى بىلەن تەڭلەشتى.

چارشەنبە كۈنى، چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزى (CBOT) قەرەللىك كۆممىقۇناق بازار يېپىلىش باھاسى تۆۋەنلىدى. 2016- يىل 12- ئايلىق قەرەللىك كۆممىقۇناق بازار يېپىلىش باھاسى 338.5 سېنت/ بوشىل بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 3 سېنت تۆۋەنلىگەن؛ 2017- يىل 3- ئايلىق قەرەللىك كۆممىقۇناق بازار يېپىلىش باھاسى 346.5 سېنت/ بوشىل بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 2.75 سېنت تۆۋەنلىگەن.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.