پاختا باھاسى ئۇدا تۆت كۈن تۆۋەنلەشنى كۆرسەتتى

karima 2016-10-24 12:29:50

\

قىتئەلەر ئارا سودا مەركىزى( ICE) قەرەللىك پاختا توختام باھاسى جۈمە كۈنى تەخمىنەن %1 ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ، ئۇدا تۆت كۈن تۆۋەنلىدى، سەۋەبى دوللارنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئامېرىكا مەھسۇلات مىقدارى بېسىم ئېلىپ كەلگەن.

12- ئايلىق قەرەللىك پاختا باھاسى ھەر قاداق 68.61 سېنت بولدى، بۇ 10- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتا بولۇپ، بىر ھەپتىدە %2 كە يېقىن تۆۋەنلىگەن ، بۇ 10- ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھەپتىلىك چۈشۈش دائىرسى ھېسابلىنىدۇ.

MCM Inc نىڭ ۋاكالەتچىسى Jobe Moss ئىپادە بىلدۈرۈپ: " مېنىڭچە دوللارنىڭ ئۆسۈشى بۈگۈن پاختا باھاسىنىڭ چۈشۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب." دەپ ئېيتتى.

Capstone Merchant Services سېتىش باش نازارەتچىسى : " ئامېرىكا ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ ھاۋارايى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلار كۆزلىگەن باھا نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن مالنى سېتىپ چىقىرىشى بازارغا قايتىدىن بېسىم ئېلىپ كەلدى." دەپ كۆرسەتتى.

دوللارغا ئالماشتۇرۇلدىغان بىر تۈركۈم پۇللار جۈمە كۈنى 2- ئاينىڭ بېشىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى، بۇ ئامېرىكا فېدراتسىيسىنىڭ بۇ يىل ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنىڭ ئېشىشى ۋە ياۋرۇنىڭ 7 ئايدىكى تۆۋەن نۇقتىغىچە تۆۋەنلىشىدىن بولغان. دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرى نۇقتا 98.813 بولدى.

ICE نىڭ 12- ئايلىق قەرەللىك پاختا بازار يېپىلىش باھاسى 0.73 سېنت چۈشۈپ، 69.07 سېنت بولدى.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.