ئامېرىكا قىشلىق بۇغداينىڭ تېرىلىش ئەھۋالى

karima 2016-10-19 12:00:09

\


ئامېرىكا يېزا- ئىگىلىك مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان زىرائەت ئۆسۈش ھەپتىلىك دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا قىشلىق بۇغداي تېرىلىش ئەھۋالى ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئوتتۇرچە قىممەتتىن ئازراق كەينىدە قالغان، لېكىن بىخلىنىش نىسبىتى ئىلگىرىكى ئوتتۇرچە قىممەتتىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

2016- يىل 10- ئاينىڭ16- كۈنىگىچە ، ئامېرىكا ئاساسلىق قىشلىق بۇغداي ئىشلەپچىقىردىغان 18 رايوننىڭ قىشلىق بۇغداي تېرىلىش ئەھۋالى %72 بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە %59 بولغان، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدە %73 بولغان، ئۆتكەن بەش يىللىق ئوخشاش مەزگىلدىكى ئوتتۇرچە قىممەت % 73 بولغان. بۇ ئاساسلىق 18 ئىشلەپچىقىرىش رايونى 2015- يىللىق قىشلىق بۇغداي تېرىلىش كۆلىمىنىڭ %90 نى ئىگەللىگەن.

قىشلىق بۇغداي مايسىلنىش نىسبىتى %47 بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىدە %34 بولغان، ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدە %44 بولۇپ، ئۆتكەن بەش يىللىق ئوخشاش مەزگىلدىكى ئوتتۇرچە قىممەت %45 بولغان.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.