ئامېرىكا كۆممىقۇناق باھاسى ئۆرلىدى

gulbostan 2016-09-09 12:13:18

\

ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك سودا بازىرىنىڭ ئالدىن مۆلچەرىچە، كۆممىقۇناق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا كۆممىقۇناق بازار باھاسى تەدرىجىي ئۆرلىدى. ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى كېلەر ھەپتە 9-ئايلىق تەمىنلەش-ئېھتىياج دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ. چىكاگو سودا بىرژىسىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، كۆممىقۇناق بازار باھاسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. 2016-يىلى 12-ئايلىق كۆممىقۇناق قەرەللىك مال باھاسى ھەر بۇشىلسى 338.5سېنت بولۇپ، ئالدىنقى بىر سودا كۈنىدىن 5.25سېنت ئاشتى. 3-ئايلىق كۆممىقۇناق بازار باھاسىنىڭ ھەر بۇشىلسى 348.5سېنت بولۇپ، ئالدىنقى بىر سودا كۈنىدىن 5.5سېنت ئاشتى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.