ياپونىيە يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى 124مىڭ 572توننا بۇغداي سېتىۋالدى

gulbostan 2016-08-10 16:21:59

\

ياپونىيە يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيە يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى سودىگەر چارقىرىش يىغىنى ئېچىپ، ئامېرىكا ۋە كانادادىن 124مىڭ 572توننا بۇغداي ئىمپورت قىلدى. بۇ قېتىملىق سودىگەر چاقىرىش يىغىنى جۈمە كۈنى كەچرەك ئەخىرلىشىدۇ. ئادەتتە ياپونىيە يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقنىڭ سودىگەر چاقىرىش يىغىنى سەيشەنبە باشلىنىپ، پەيشەنبە ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، بىراق بۇ قېتىملىق سودىگەر چاقىرىشنىڭ ۋاقتىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى. چۈنكى بۇ ھەپتىنىڭ تۆتىنچى كۈنى(پەيشەنبە)تەبرىكلەش بايرىمى. ياپونىيە بولسا دۇنيادىكى 6-چوڭ بۇغداي ئىمپورت دۆلىتى بولۇپ، ھۆكۈمەت بۇغداي ئىمپورت مىقدارىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ھەر يىلى ئۈچ قېتىملا سودىگەر چاقىرىش يىغىن ئاچقىلى قويىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.