ئەل ئېكىسپورت سودىگەرلىرى جۇڭگوغا ئامېرىكا پۇرچىقىنى ئېكىسپورت قىلدى

gulbostan 2016-08-09 16:02:44

\

ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تۆنۈگۈنكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەل ئېكىسپورت سودىگەرلىرى جۇڭگوغا 246مىڭ توننا ئامېرىكا پۇرچىقىنى ئېكىسپورت قىلغان بولۇپ، 2016\17-يىللىق بازاردا توشۇلىدىكەن. ئامېرىكا پۇرچىقىنىڭ يىللىق بازىرى ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدىكەن. ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق بەلگىلەندى. يەنى ئەگەر تاۋارلارنىڭ بىر كۈنلۈك ئېكىسپورت سوممىسى 100مىڭ توننا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولسا، ئىككىنچى بىر سودا كۈنى ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقىغا ئەھۋالنى دوكلات قىلىشى، ئەگەر ئۇمۇمىي ئېكىسپورت سوممىسى 100مىڭ توننىدىن تۆۋەن بولسا ھەپتىدە بىر دوكلات قىلىشى بەلگىلەندى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.