كۆممقۇناق باھاسى بىر پىرسەنت ئەتىراپىدا چۈشتى

zumrat 2016-07-29 18:25:40

\

پەيشەنبە كۈنى چىكاگو زاكاز مال بىرژېسىدا كۆممقۇناق زاكاز مال باھاسى بىر پىرسەنت چۈشۈپ ، بىر ھەپتە بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە يەتكەن ،ئامېرىكا ھەپتىلىك ئېكسپورت سېتىش دوكلاتىمۇ ئادەتتىكىچە بولغان. مەبلەغ سالغۇچىلار 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلىدىغان ئايلىق تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى دوكلاتىغا دىققەت قىلسا بۇلىدۇ، ئامېرىكا يېزا -ئىگلىك مىنىستىرلىكىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ كۆممقۇناق ئېكسپورت مىقدارى 43مىليون 880مىڭ توننا بولۇپ ،مۆلچەر دائىرە ئىچىدە بولغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،يەنە شۇ كۈندىلىك بازار ئەھۋالىدا كۆممقۇناق بازار يېپىلىشتىن بۇرۇن چۈشۈش دائىرسىنى كىچىكلىتىپ ، بازار يېپىلغان ۋاقىتتا شۇ كۈندىكى تۆۋەن نۇقتىدىن 0.03دوللار يۇقىرى ئۆرلىگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.