روسىيە 23 مىليون توننا بۇغداي ئېكىسپورت قىلدى

karima 2016-05-31 17:30:27

\


روسىيە ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك يۇقۇملۇق مۇداپىئە كارانتىن قىلىش ئىدارىسى (Rosselkhoznadzor) نىڭ ئېيتىشىچە، 2015- يىل 7- ئاينىڭ1- كۈنىدىن 2016- يىل 5- ئاينىڭ23- كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، روسىيە 35 مىليون 210 مىڭ توننا ئاشلىق ئېكىسپورت قىلغان بولۇپ، ئۆز-ئارا سېلىشتۇرغاندا، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدە 34 مىليون 570 مىڭ توننا بولغان.

ئوخشاش مەزگىلدىكى بۇغداي ئېكىسپورت مىقدارى 23 مىليون 100 مىڭ توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى 21 مىليون 50 مىڭ توننىدىن تەخمىنەن %10 ئاشقان.

روسىسىيە يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ ئېيتىشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىللىق بۇغداي ئېكىسپورت مىقدارى ئېھتىمال 24 مىليوندىن 25 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.