ئامېرىكا نەق مال سېرىق پۇرچاق باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى

karima 2016-05-30 12:21:39

\


جۈمە كۈنى، ئامېرىكا سېرىق پۇرچاق نەق مال بازار باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى، ئاساسلىقى قەرەللىك مال بازار باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ يۇقىرى ئۆرلىگەن. ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنى شەخسىي ئېكىسپورت سودىگىرى جۇڭگوغا 110 مىڭ توننا يېڭى پەسىللىك سېرىق پۇرچاق سېتىپ چىقارغان بولۇپ، سېرىق پۇرچاق باھاسىغا تىرەشلىك ئېلىپ كەلدى.

ئامېرىكا قولتۇقى، ئامېرىكا 1-نۇمۇرلۇق سېرىق پۇرچاق نەق مال ئوتتۇرچە باھاسى ھەر بۇشىل 11.165 دوللار بولدى، ھەر توننىسى 410.2 دوللار بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىن 5.75 سېنت/بۇشىل بولدى. لۇئىسئانا قولتۇقى ئاساسىي باھا پەرقى 7-ئايلىق CBOT قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسى 30 سېنت يۇقىرى چىققان بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىن 30-32 سېنت يۇقىرى چىققان.

ئىللىنوئىس ئوتتۇرا قىسىم رايونىدا، سېرىق پۇرچاق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ئوتتۇرىچە باھاسى 10.8055 دوللار بولغان سېرىق پۇرچاق سېتىۋېلىپ، ئالدىنقى كۈنىدىكىدىن 8.25 سېنت يۇقىرى ئۆرلىدى. ئاساسىي باھا پەرقى 7-ئايلىق CBOT قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسىدىن 7-5 سېنت تۆۋەن بولغان، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 10-5 سېنت تۆۋەن چىققان.

جۈمە كۈنى، چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزى (CBOT) قەرەللىك سېرىق پۇرچاق بازار يېپىلىش باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى. 2016-يىل 7-ئايدىكى قەرەللىك سېرىق پۇرچاق بازار يېپىلىش باھاسى 1086.5 سېنت/بۇشىل بولۇپ، پەيشەنبە كۈنىدىكىدىن 6.75 سېنت يۇقىرى چىققان؛ 11- ئايلىق قەرەللىك سېرىق پۇرچاق بازار يېپىلىش باھاسى 1056.25 سېنت بولۇپ، پەيشەنبە كۈنىدىكىدىن 5.75 سېنت يۇقىرى چىققان.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.