Bunge شىركىتىنىڭ فرانسىيە بۇغداي ئۇنى مىسسىر تەرىپىدىن سېتىۋېلىش رەت قىلىندى

karima 2016-05-27 17:04:53

\


سەيشەنبە كۈنى سودىگەرلەرنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، Bunge شىركىتى بۇلتۇر 12-ئايدا مەككە تەرەپتىن رەت قىلىنغان پاراخوتتىكى فرانسىيە بۇغداي ئۇنىنى قايتا سېتىپ چىقىرىشنى پىلانلىغان، ئەينى ۋاقىتتا رەت قىلىنىش سەۋەبى پاراخوتتىكى بۇغداينى تەكشۈرگەندە بۇغداي زەمبۇرۇغى چىققان.

سودىگەرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پاراخوتتىكى بۇغداينىڭ خېرىدار چاقىرىش يىغىنى پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن، Bunge شىركىتى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرمىگەن.

بۇ ئاينىڭ بېشىدا Bunge شىركىتى مىسسىرنىڭ تاۋار بىلەن تەمىنلەش باش ئىدارىسىگە قانۇنلۇق تەرتىپنى تىلغا ئېلىپ پاراخوتتىكى مالنى تاپشۇرۋېلىشنى رەت قىلغان. مەزكۇر شىركەت ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ بىر تۈركۈم بۇغداي خېرىدار چاقىرىش شەرتلېرىگە ئۇيغۇن ، ھەمدە بۇغداي زەمبۇرۇغ تەركىبى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %0.05 بولسا ئىمپورت قىلىشقا ئىجازەت بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقان.

لېكىن مىسسىر ھۆكۈمىتى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇغداي زەمبۇرۇغ تەركىبى بەلگىلەنگەن چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

بىر نەپەر ياۋرۇپالىق سودىگىرىنىڭ ئېيتىشىچە، دەۋاگەرلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، Bunge شىركىتى ئېھتىمال بۇ بىر تۈركۈم بۇغداينى قايتىدىن سېتىپ چىقىرىپ، زىياننى تولۇقلىشى مۇمكىن دەپ ئېيىتقان.

مىسسىر بولسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بۇغداي ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت، لېكىن يېقىنقى بىرقانچە ھەپتىدە مىسسىر ئېكىسپورت سودىگىرىگە مۇرەككەپ سىگنال تارقاتقان، مىسسىر يېزا-ئىگىلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئەمەلدارى يەنە بىر كانادا بۇغداي پاراخوتىدىكى مالنى رەت قىلغان بولۇپ، بۇ پاراخوتتا بۇغداي زەمبۇرۇغى بارلىقىنى ئېيتقان.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.