پاختا باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى

karima 2016-05-27 15:42:57

\


پەيشەنبە كۈنى نيۇ - يورك قەرەللىك پاختا باھاسى 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى، ئاساسلىقى چۈشۈش بوشلۇقىنى تولۇقلاش ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىمپورت قىلىش نورمىسىنى كېڭەيتىش مۆلچەرىنىڭ ياردىمىدىن بولدى.

قەرەللىك پاختا باھاسى ئۆسۈپ ھەر قاداق 64 سېنتتىن ئاشقاندىن كېيىن، بازاردا كۆپ مىقداردا چۈشۈشكە مال ئېلىش سودىگىرى چۈشۈش بوشلۇقىنى تولدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

INTL FCStone خەتەر كونترول قىلىش مەسلىھەتچىسى Andy Ryan ئىپادە بىلدۈرۈپ، بازارنىڭ جۇڭگو ئېھتىمال ئىمپورت نورمىسىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش توغرىسىدىكى مۆلچەرى ئېشىپ، قەرەللىك پاختا باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.

يەنە كۆرسەتمە بېرىپ، دوللارنىڭ كىچىك دائىرىدە تۆۋەنلىشىمۇ باھاغا تىرەشلىك بولدى.

7-ئايلىق قەرەللىك پاختا بازار يېپىلىش باھاسى 1.43 دوللار ئۆسۈپ، ھەر قاداق 64.33 دوللار بولدى، بازار تەۋرىنىش دائىرسى 62.85-64.55 سېنت ئارلىقىدا بولدى.

دوللار كۆرسەتكۈچى %0.21 تۆۋەنلەپ. CRB كۆرسەتكۈچى %0.15 بولدى.

ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلشىچە، ئالدىنقى ھەپتىلىك ئامېرىكا ئېكىسپورت سېتىش مىقدارى 2015/16 يىللىق پاختا 128500 قاپ بولۇپ، ئىلگىرىكى بىر ھەپتىدە 32% تۆۋەنلىگەن، لېكىن تۆت ھەپتىلىك ئوتتۇرچە قىممەت %28 يۇقىرىلىدى. ئالدىنقى ھەپتە 2016/17 يىللىق پاختا ئېكىسپورت سېتىش مىقدارى 119200 قاپ بولدى.

تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلدىغان تاۋارلار مەسلىھەتچىلىك شىركىتى Risk Analytics نىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى Louis Rose ئىپادە بىلدۈرۈپ، جۈمە كۈنى بازار ئېھتىمال چۈشۈش بېسىمىغا ئۇچرىدى، دېھقانلار ئېھتىمال باھا نىسبەتەن يۇقىرى بولغان ۋاقىتتا ئىسكىلاتتىكى ماللارنى سېتىپ چىقىرىشى مۇمكىن.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.