پاختا باھاسى نىمە سەۋەبتىن ئۆسۈپ كەتتى؟

karima 2016-05-25 12:36:29

\


قەرەللىك پاختا باھاسى سەيشەنبە كۈنى ئىككى ھەپتە ئىچىدىكى يۇقىرى نۇقتىغىچە ئۆرلىدى، سەۋەبى مەبلەغ سالغۇچىلار سېتىۋېلىش بازىرىغا كىرگەن، پايچېكى بازىرى ۋە ئېنىرگىيە بازىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىمۇ تىرەشلىك بولدى.

MCM Inc ۋاكالەتچىسى Jobe Moss ئىپادە بىلدۈرۈپ،" پايچېكى بازىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ، ئېنىرگىيە بازىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى بىردەك پاختا باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بولدى." دەپ كۆرسەتتى.

7- ئايلىق ICE قەرەللىك پاختا توختام بازار يېپىلىش باھاسى 1.56 سېنت يۇقىرى ئۆرلەپ، ھەر قاداق 63.01 سېنت بولدى، بازاردىكى تەۋرىنىش دائىرسى 61.15-63.20 سېنت ئارلىقىدا بولدى.

دوللار كۆرسەتكۈچى سەيشەنبە كۈنى %0.35 يۇقىرى ئۆرلىدى. CRB كۆرسەتكۈچى %0.08 يۇقىرى ئۆرلىدى.

يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى (USDA) دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ھەر ھەپتىلىك زىرائەت ئۆسۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىل 5-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە بولغان شۇ ھەپتىلىك، ئامېرىكا پاختا تېرىلىش نىسبىتى %46 بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىر ھەپتىدە %40 بولغان، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدە %44 بولۇپ، بەش يىللىق ئوتتۇرچە قىممەت %54 بولغان.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.