CBOT قەرەللىك بۇغداي باھاسى تۆۋەنلىدى

karima 2017-08-18 15:59:05

\


پەيشەنبە كۈنى چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزى قەرەللىك بۇغداي باھاسى

ئۇدا ئۈچ كۈنلۈك چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسىتىپ، توختامدىكى ئەڭ تۆۋەن باھاغىچە بولدى، سەۋەبى مەبلەغ سېلىش فوندىنىڭ چۈشۈشكە مال ئېلىشى ھەمدە دۇنيا تەمىنلەش ئەھۋالىنىڭ يىتەرلىك بولۇشىدىن بولدى.

ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئېكىسپورت سېتىش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 8- ئاينىڭ10- كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتىدە، ئامېرىكا 2017-18 يىللىق بۇغداي ئېكىسپورت ساپ سېتىش مىقدارى633600 توننا بولۇپ، بازار مۆلچەرىدە 300-600 مىڭ توننا بولغان، بۇ ئىلگىرىكى بىر ھەپتىدىن %37 ئاشقان، تۆت ھەپتىلىك ئوتتۇرچە قىممەتتىن %43 ئاشقان.

بۇ ھەپتە، ئامېرىكا 2018-19 يىللىق بۇغداي ئېكىسپورت ساپ سېتىش مىقدارى 0 توننا بولدى.

بولىنوئىس دانلىق زىرائەتلەر سودا مەركىزىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى دوكلاتىدا، ئارگىنتىنا 2017-18 يىللىق بۇغداي تېرىلىش كۆلىمى مۆلچەرىنى 535 تۈمەن گېكتارغىچە تۆۋەنلەتتى، ئىلگىرىكى مۆلچەرىدە 540 تۈمەن گېكتار بولۇپ، يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدە كۈچلۈك ھۆل-يېغىن ئەھۋالى نەملىك دەرىجىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

9-ئايلىقCBOT قەرەللىك بۇغداي بازار يېپىلىش باھاسى 5-1/4 سېنت، راسچوت باھاسى ھەر بۇشىل 4.14 دوللار بولدى.

CBOT كۆرسەتكۈچى 12- ئايلىق قەرەللىك بۇغداي بازار يېپىلىش باھاسى 6-1/4 سېنت بولۇپ، راسچوت باھاسى ھەر بۇشىل 4.4-3/4 دوللار بولدى.

بۈگۈن CBOT قەرەللىك بۇغداي سودا پۈتۈم مىقدارى مۆلچەرى 171488 قول بولدى.

\


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.