ئارگىنتىنا سېرىق پۇرچاق باھاسى تۆۋەنلىدى

karima 2017-08-11 12:17:08

\


پەيشەنبە كۈنى ئارگىنتىنا نەق مال سېرىق پۇرچاق باھاسى تۆۋەنلىدى، سەۋەبى ئامېرىكا قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا ئۇچرىغان.

روئىسودا، سېرىق پۇرچاق بازار يېپىلىش باھاسى ھەر توننىسى 4150 پىسو بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنى ھەر توننىسى 4300 پىسو بولغان.

پەيشەنبە كۈنى چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزى CBOT قەرەللىك سېرىق پۇرچاق بازار يېپىلىش باھاسى تەخمىنەن %3 تۆۋەنلىدى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ تەمىنلەش ئېھتىياج دوكلاتىدا 2017- يىللىق ئامېرىكا سېرىق پۇرچاق ئوتتۇرچە مەھسۇلات مىقدارىنى مۆلچەرىنى يۇقىرى كۆتۈردى، ئەسلىدىكى مەھسۇلات مىقدارى مۆلچەرىدە تۆۋەنلەشنى مۆلچەر قىلغان تەھلىلچىلەر تاساددىپىيلىق ھېس قىلدى.

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكى ئارگىنتىنا 2017/18 يىللىق سېرىق پۇرچاق مەھسۇلات مىقدارى مۆلچەرىنى ئەسلىدىكى مۆلچەر 57 مىليون توننىدىن ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قالدى. لېكىن سېرىق پۇرچاق ئېكىسپورت مىقدارى مۆلچەرىنى 8 مىليون تونىغىچە تۆۋەنلەتكەن، 7- ئايلىق مۆلچەرىدە 8.5 مىليون توننا بولغان.

ئارگىنتىنانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى پورت برانك پورتىدا سېرىق پۇرچاق سودا پۈتۈم باھاسى ھەر توننىسى 4100 پىسو بولدى.

\


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.