ئارگىنتىنا سېرىق پۇرچاق باھاسى تۆۋەنلىدى

karima 2017-08-02 16:42:43

\


ئارگىنتىنا قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسى سەيشەنبە كۈنى بازار يېپىلىش باھاسى تۆۋەنلىدى، سودا پۈتۈم مىقدارى كېمەيدى، بۇ دۆلەت ئىچىدىكى پۇل پېسونى دوللارغا ئالماشتۇرۇش پېرۋوت باھاسىنىڭ ئېشىشى ۋە چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزى قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا ئۇچرىدى.

روسارىئودا، سېرىق پۇرچاق بازار يېپىلىش باھاسى ھەر توننىسى 4200 پېسو بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى 4350 پېسو بولغان.

CBOT قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسى سەيشەنبە كۈنى 3% دىن ئارتۇق تۆۋەنلىگەن، سودىگەرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا سېرىق پۇرچاق ئۆسۈش ئەلالىق نىسبىتى مۆلچەردىكىدىن ياخشى چىققان، ھەمدە ھاۋارايىدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە بۇ ئايلىق ھاۋارايى مۆتىدىل بولۇپ، سېرىق پۇرچاقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

ئارگىنتىنانىڭ جەنۇبىي قىسمى برانك پورتىدا سېرىق پۇرچاق بازار يېپىلىش باھاسى ھەر توننىسى 4200 پېسو بولدى، نېكچىيا پورتىدا سېرىق پۇرچاق باھاسى ھەر توننىسى 4100 پېسو بولدى.


\


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.