CBOT قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى

karima 2017-07-31 13:12:48

\


جۈمە كۈنى چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزى (CBOT) قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسى سېرىق پۇرچاق مېيى بازىرىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ يۇقىرى ئۆرلىدى، سودىگەرلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئامېرىكا سوت مەھكىمسى ھۆكۈم چىقىرىپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى (EPA) بېكىتكەن ئامېرىكىدا سېتىلدىغان بېنزىن ۋە سەنەركىدىكى بىئولوگىيەلىك يېقىلغۇدا مەجبۇرىي ئارلاشما بولۇپ ئۆلچەمدىكىدىن مەسىلە كۆرۈلگەن، ھەمدە EPA نى قايتىدىن ھېسابلاشقا بۇيرۇلغان. بۇ قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. 12- ئايلىق قەرەللىك سېرىق پۇرچاق مېيى توختام باھاسى 0.73 دوللار ئۆسۈپ ھەر قاداق 35.02 سېنت بولدى.

11- ئايلىق قەرەللىك سېرىق پۇرچاق توختام بازار يېپىلىش باھاسى 5-1/2 سېنت ئۆرلەپ، ھەر بۇشىل 10.13 دوللار بولدى.

12- ئايلىق پۇرچاق تىرپى بازار يېپىلىش باھاسى 0.5 دوللار چۈشۈپ، ھەر توننىسى 328.5 سېنت بولدى.

بۇ ھەپتە CBOT قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسى 1% تۆۋەنلەپ، پۇرچاق تىرىپى 2.5% تۆۋەنلىدى، پۇرچاق مېيى باھاسى 2.2% يۇقىرى ئۆرلىدى. قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسى ئۇدا تۆتىنچى ھەپتە يۇقىرى ئۆرلىدى.

نۆۋەتتە سودىگەرلەر يەنىلا ھاۋارايى كىلىمات ئەھۋالىغا دىققەت قىلماقتا. MDAWeatherServices نىڭ ئېيىتىشىچە، كىلەر ھەپتە ئىللىنوئىس شىتاتى رايونى ، لوۋا شىتاتى ۋە مىسسۇرى رايونىدا قۇرغاق ھاۋارايى داۋاملىشى مۇمكىن، لېكىن تېمپۇراتۇرا ئەھۋالى مۇۋاپىق.

تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆل-يېغىن كەمچىل بولۇش ئەھۋالى 8- ئايغىچە داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ سېرىق پۇرچاق مەھسۇلات مىقدارىنى يەنە بىر قەدەم تۆۋەنلىتىدۇ، شۇ ۋاقىتتا سېرىق پۇرچاق ئىشلەپچىقىرش ھالقىلىق پەيتكە كىرىدۇ.

بۈگۈن CBOT سېرىق پۇرچاق سودا پۈتۈم مىقدارى 181,079 قول بولۇپ، پۇرچاق تىرىپى 105,902 قول بولدى، پۇرچاق مېيى 206,125 قول بولدى.

\


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.