قەرەللىك بۇغداي باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى

karima 2017-07-27 15:45:59

\


چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا قەرەللىك بۇغداي باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى، مىنىئاپولىس دانلىق زىرائەت سودا مەركىزى (MGEX) قاتتىق كۈزگى قەرەللىك بۇغداي باھاسى 1.5% دائىرلىك ئۆسۈش ھالىتىنى كۆرسەتتى.

سودىگەرلەر ئىپادە بىلدۈرۈپ، چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزى (CBOT) يۇمشاق كۈزگى بۇغداي باھاسى ۋە كانزاس قەرەللىك مال سودا مەركىزىنىڭ قاتتىق كۈزگى قىزىل بۇغداي باھاسى بىر ئاي ئىچىدىكى تۆۋەن نۇقتىغىچە تۆۋەنلىدى، بۇ سودىگەرلەرنى تۆۋەن باھادىن سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.

بۇغداي سۈپەت تەكشۈرۈش كومېتىتى مەلۇم رايوندا يىللىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، مەزكۇر رايوننىڭ ئوتتۇرا قىسىم ۋە غەربىي قىسىم رايونلېرىدا تېرىلغان يازلىق بۇغداي ئىسسىق قۇرغاق ھاۋاراينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، يەككە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقىدىن چوڭ دائىرىدە چۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەردە ، پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان USDA ئېكسپورت سېتىش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا بۇغداي سېتىش مىقدارى 350-550 مىڭ توننا بولۇپ، ئىلگىرىكى بىر ھەپتىلىك ئېلان قىلغان قىممەت 669.5 مىڭ توننا بولدى.

9-ئايلىق CBOT يۇمشاق قىزىل كۈزگى بۇغداي توختام بازار يېپىلىش باھاسى 3-3/4 سېنت يۇقىرى ئۆرلىدى، ھەر بۇشىل 4.77-3/4 دوللار بولدى.

بۈگۈن CBOT قەرەللىك بۇغداي سودا پۈتۈم مىقدارى 105723 قول بولدى.

\


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.