ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى ئۇدا ئۈچ ھەپتە تۆۋەنلىدى

parida 2017-07-20 11:33:28

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا ئېنىرگىيە ئۇچۇر ئىدارىسى (EIA) چارشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 19-كۈنى) ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى بازار مۆلچەرىدىن تۆۋەنلىگەن، بېنزىن ۋە چەككىلەنگەن ماينىڭ زاپسىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.
EIA نىڭ ئېلان قىلىشىچە 7-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە، ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى 4 مىليۇن 727 مىڭ تۇڭ ئازايغان، ئۇدا ئۈچ ھەپتە تۆۋەنلىگەن، بازاردا 3 مىليۇن 214 مىڭ تۇڭ ئازىيىدۇ دەپ مۆلچەرلەنگەن ئىدى. ئەمما نۆۋەتتە يەنىلا تارىخىي ئوتتۇرىچە سەۋىيىدىن تەخمىنەن %37 يۇقىرى.
پۇل-مۇئامىلە بىلوگى Zerohedge نىڭ ئامېرىكا EIA خام نېفىت زاپسى توغرىسىدا باھا بېرىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەندە API خام نېفىت زاپسى ئاز نىسبەتتە تۆۋەنلىگەن، ئەمما EIA سانلىق مەلۇماتىدا خام نېفىت زاپسىنىڭ زور نىسبەتتە تۆۋەنلىشى خام نېفىت سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئۈمىدىنى يوققا چىقاردى. گەرچە خام نېفىت زاپسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تۆۋەنلىگەن، WTI خام نېفىتىمۇ 47 دوللارلىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىغان بولسىمۇ، ئەمما خام نېفىت زاپسى يەنىلا تارىخىي ئوتتۇرىچە قىممەت %37 دىن يۇقىرى بولۇپ، خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 2015-يىلى 7-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە چىقىشى، ماي باھاسى داۋاملىق تەۋرىنىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە بازار ئېھتىياج ئاشىدىغان پەسىلدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، بېنزىن زاپسىنىڭ تۆۋەنلىشىمۇ تاساددىپىيلىق ئەمەس.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.