5. خەلقئارا نېفىت باھاسى %5 چۈشتى

gulbostan 2017-05-26 16:03:30

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى:خەلقئارا خام نېفىت باھاسى جۈمە كۈنى (5-ئاينىڭ 26-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا %1 چۈشتى. تۆنۈگۈن نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) ۋە غەيرىي نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) بىرلىكتە مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەھسۇلاتنى كېمەيتىش دەرىجىسى ۋە مەھسۇلاتنى كېمەيتىش مۇددىتى كۈتكەندەك بولمىغاچقا ماي باھاسى بىردىنلا %5 تۆۋەنلىدى.

جۈمە كۈنىدىكى كۆرسەتكۈچتە، برېنت خام نېفىتى قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى %1 تۆۋەنلىگەن، باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 50.88 دوللارغا چۈشكەن؛ ئامېرىكا غەربىي تېكساس ئوتتۇرا دەرىجىلىك خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال نىسبىتى %1 تۆۋەنلىگەن، باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 48.24 دوللارغا چۈشكەن. پەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان ۋىينا يىغىنىدا، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) ۋە غەيرىي نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) دىكى ئەزا دۆلەتلەر مەھسۇلات مىقدارىنى كۈنىگە بىر مىليۇن 800 مىڭ تۇڭ ئازايتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى 2018-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، خام نېفىت باھاسى قارار ماقۇللانغاندىن كېيىن شىددەت بىلەن %5 تۆۋەنلىدى.

(OPEC) تەشكىلاتى ۋە غەيرىي (OPEC) تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىل دۆلەتلىرى ۋىينا يىغىنىدىن كېيىن، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە مەھسۇلاتنى كېمەيتىش جەھەتتە بىردەكلىككە كېلىپ، مەھسۇلاتنى كۈنىگە بىر مىليۇن 800 مىڭ تۇڭ ئازايتىشنى قارار قىلدى. بۇ غەيرىي (OPEC) تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتنى كېمەيتىش مىقدارىنىڭ يەنىلا ئالتە مىليۇن تۇڭ\كۈنگە يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەيرىي (OPEC) تەشكىلاتىنىڭ مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىگە قاتنىشىدىغان يېڭى دۆلەتلەر يوق. شۇڭا،(OPEC) تەشكىلاتى ۋە غەيرىي (OPEC) تەشكىلاتى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى كېيىنكى بىر قېتىملىق مېنىستىرلار يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلدى.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.