نېفىت باھاسى ئۆرلىدى

gulbostan 2017-03-23 19:40:42

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ياۋرۇپا بازىرىدا نېفىت باھاسى ئۆرلىدى، سەۋەبى بولسا ئامېرىكا نېفىت زاپىسى ئاشتى.
ئامېرىكا نېفىت ئىلمىي جەمىيىتى ھەمدە ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا نېفىت زاپىسى مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەندىن كيىىن، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدە ئىلگىرىلەش كۆرۈلىدىكەن.
تەھلىلچىنىڭ ئېيتىشىچە، برۇنت نېفىتىنىڭ ھەر باكىنىڭ باھسى 50 دوللار ئەتراپىدا تېخنىكىلىق تىرەككە ئېرىشىدىكن ھەمدە تۈنۈگۈن كەچتە نېفىت باھاسى بىر نەچچە ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن يەنە ئۆرلەشكە باشلىغان.
تەھلىلچىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئەگەر نېفىت زاپىسى كېمەيسە ھەمدە OPEC داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلىسە، ئۇھالدا 2-پەسىللىك نېفىت باھاسى 60 دوللارغا چىقىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ يەنە ئېيتىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال يەنە ۋاقىتلىق بولىشى مۇمكىن بولۇپ، 2017-يىلىنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا نېفىت باھاسى 55 دوللار بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىن قەتئىينەزەر ، بازار يەنىلا بىسىمغا ئۇچرىغان بولۇپ. ئاساسلىقى ئامېرىكا نېفىت زاپىسىنىڭ كۆپلىكى سەۋەبىدىن ھەمدە بازارنىڭ OPEC نىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنىڭ بازارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەش ئەھۋالىغا بولغان ئەندىشىنىڭ سەۋەبىدىن ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.