«ھازىر كىلىشىمنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىدۇ دېيىشكە تېخى بالدۇر»

gulbostan 2017-02-24 16:34:37

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: قاتار ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى Mohammad bin Saleh al-Sada نىڭ 2-ئاينىڭ 22-كۈنى بىلدۈرىشىچە، نۆۋەتتە OPEC نىڭ 5-ئايدىكى يىغىنىدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش كىلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىدىغانلىقىنى كىسىپ بىر نەرسە دېيىشكە تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇ شۇكۈنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا :« يەر شارى نېفىت زاپىسىنىڭ سەۋىيەسى، كىلىشىمنىڭ نېفىت زاپىسىنى كېمەيتىۋىتىش مىسىلىسى قاتارلىقلار OPEC نىڭ 5-ئايدىكى يىغىنىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بۇ بازارنىڭ مۇقىم يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر كۆرسەتكۈچى.» دېگەن.
ئۇ يەنە:« OPEC قا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىش نىسبىتى %50 ئەتراپىدا، بىراق ئۇلارنىڭ ھىسابلاش تۈزۈلمىسى OPEC نىڭكىگە ئوخشاش ئۇنداق ئېنىق ئەمەس. مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇلارنىڭ ئىجرا قىلىش دەرىجىسى بۇنىڭدىن يۇقىرى بولىشى بولىشى مۇمكىن» دېگەن.
OPEC نىڭ باش كاتىپى Mohammad Barkindo نىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرىشىچە:« OPEC نىڭ كىلىشمى نۆۋەتتە رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتقان بولۇپ، ئىشلەپچىقرىىشنى كېمەيتىشنىڭ ئىجرا قىلىشنىڭ نىسبىتى نۆۋەتتىكى %90 تىن %100 كە يىقىنلىشىدىكەن، لىكىن نېفىت زاپىسىمۇ چۈشۈشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ» دېگەن، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يەر شارى نېفىت زاپىسىنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتى بۇ تەشكىلاتنىڭ كىيىنكى قەدەملىق تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىكەن، ئەلۋەتتە نېفىت ئىشلەپچىقرىىشنى كېمەيتىش كىلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ياكى ئۇزارتماسلىق مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خۇاچى گوروھىنىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقرىلىدىغان تاۋارلار تەتقىقات مەسئۇلى Ed Morse نىڭ 23-فېۋرال بىلدۈرىشىچە، بۇلتۇر كىلىشىم ئىمزالىنىشنىڭ ئالدىدا، OPEC نىڭ تەمىنلەش مىقدارىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كىلىشىمنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىىدغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.




سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.