نېفىت بازىرىدىكى يېڭى يۈزلىنىش

gulbostan 2017-01-17 16:52:13

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: (Citigroup) نىڭ تەھلىلچىسى Seth Kleinman 26-يانۋار ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكىلاتىدا ئېيتىلىشىچە، يىقىندا خام نېفىت باھاسى بىر يېرىم يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىدىن تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بەلكىم ئامېرىكا كۇشىڭ رايۇنىدىكى خام نېفىت زاپىسىنىڭ ئېشىشى سەۋەبلىك بولىشى مۇمكىن ئىكەن، بىراق بۇ بانكا نېفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش كىلىشىمى بۇ خىل تەسىرنى تۈگىتىشى مۇمكىن دەپ قارايدىكەن. شۇڭلاشقا كەلگۈسىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش خەۋىرى نېفىت باھاسىغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان ئاساس بولىدىكەن.
نېفت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش كىلىشىمىنىڭ ئەمىلىي ئىجرا قىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارالىق نېفىت باھاسى 30-نويابىردىن بۇيان ئېشىش دائىرىسى %15 تىن ئاشقان ،17-يانۋار ئاسىيا بازىرىدا بىرۇنت خام نېفىت قەرەللىك مېلىنىڭ ھەر باكى 55.69 دوللار بولغان. 2-يانۋار ھەر باكىنىڭ باھاسى 58.37 دوللار بولغان بولۇپ، يىقىنقى بىر يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا چىققان.
ئالدىنقى يىلى نېفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2017-ىلى 1-ئايدىن باشلاپ كۈنىگە 1 مىليۇن 200 مىڭ باك نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىپ ، كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارىنى 32 مىليۇن 500 مىڭ باكقا چۈشىرىدىغانلىقىنى پىلانلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە باشچىلىقىدىكى 11 نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت 2017يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، كۈنىگە 558 مىڭ باك نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىشكە قوشۇلغان بولۇپ، ئىجرا قىلىش ۋاقتىنى دەسلەپكى قەدەمدە 6 ئاي دەپ بىكىتكەن.
(Citigroup) نىڭ بىلدۈرىشىچە:«سەئۇدىي ئەرەبىستان، رۇسىيە ئېلان قىلغان ئوبزور ھەمدە OPEC ۋە OPEC قا ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ كىلىشىمى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى ئاخباراتلار ئاساسلىق بولۇپ، ئامېرىكا خام نېفىت سانلىق مەلۇماتىغا تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن.»
2017-يىلىدىن تارتىپ، كۆپلىگەن OPEC قا ئەزا دۆلەتلەر نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش كىلىشىمىگە ئەمەل قىلغان، ھەتتا ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان. بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 13-كۈنى سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرش مىقدارى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن بولۇپ، كۈنىگە 10 مىليۇن باكقىمۇ يەتمىگەن. كۈۋەيت ۋە ئالجىرىيە نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە بىلدۈرىشىچە، بۇ ئىككى دۆلەت كىلىشىمنى تەلەپتىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان.
بۇ بانكىنىڭ يەنە بىلدۈرىشىچە:«دېڭىز تىرانسىپورتى ھەمدە تۇرۇبا يولى تىرانسىپورتى سانلىق مەلۇماتلىرى OPEC نىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى ئىجرا ئەھۋالىنى ئىپادىلەپ بەرگەن بولۇپ، سەئۇدىي ئەرەبىستان ۋە كۈۋەيت نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىرى مەھسۇلات كېمەيتىش دائىرىسى كىلىشىمدە بەلگىلەنگەندىن يۇقىرى بولغانلىقى ھەققىدىكى ئوبزورى بازارنىڭ ئۈمىدۋارلىقىنى ئاشۇرغان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش دائىرىسىنىڭ تەلەپتىن يۇقىرى بولغانلىقى ھەمدە سوغۇق ھاۋا رايى يەنە بىر سەۋەب بولغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەنگىلىيە مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى Oil Movements نىڭ 12-يانۋار ئېلان قىلغان دوكىلاتىدا بىلدۈرىشىچە، 28-يانۋارغىچە بولغان 4 ھەپتىنىڭ ئىچىدە، ئانگولا ۋە ئىكۋادورنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان نېفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە خام نېفىت دېڭىز تىرانسىپورت ئىكىسپورتى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان 4 ھەپتىدە 110 مىڭ باك كېمەيگەن بولۇپ. 24 مىليۇن 140 مىڭ باكقا يەتكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 11-يانۋار ئېلان قىغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 6-يانۋارغىچە بولغان شۇ ھەپتىلىك ئامېرىكا خام نېفىت زاپىسىنىڭ ئېشىش دائىرىسى پەرەزدىن يۇقىرى بولغان.
(Citigroup)نىڭ 16-يانۋاردىكى تەتقىقات دوكىلاتىدا تىلغا ئىلىنىشىچە، ئامېرىكا كۇشىڭ رايۇنىنىڭ خام نېفىت زاپىسىنى ئەڭ يۇقىرى رىكورت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 1 مىليۇن 300 باك كەم ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.