نېفىت باھايۆلىنىىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىل

xayida 2016-12-06 16:38:35

\

سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدانېفىت باھاسى كىچىك دائىرىدەتۆۋەنلىدى،گەرچەنېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرOPECتەشكىلات ۋە روسىيە بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ،نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ،بىراق كۆپ قىسىم نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئاشتى،بۇ ئەھۋال نېفىت بازىرىدا نېفىت بىلەن تەمىنلەش بازار ئېھتىياجدىن ئىشىپ كىتىش ئەندىشىسىنى2017-يىلغا داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن.

برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن39سىننىت تۆۋەنلەپ،54.55دوللار/باك ئەتراپىغا يېقىنلاشتى.ئامېرىكاWTIقەرەللىك نېفىت باھاسى ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن47سىنىت تۆۋەنلەپ،51.32دوللار/باك بولدى.

سوداخادىملىرى كۆرسىتىلىشچە،نېفىت باھاسى ئاساسلىقOPECتەشكىلات ۋە روسىيە نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئۇدا ئىشىپ كىتىش سەۋەبىدىن تۆۋەنلەپ كەتكەن.

ئۇنىڭدىن سىرىت،نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرOPECتەشكىلات12-ئاينىڭ10-كۈنىOPECئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بىلەن كىڭىشىشى يىغىنى ئىچىشنى پىلانلىدى،بۇ ئەھۋال نېفىت ئۆسۈش مېلىغا بەلگىلىك ئىشەنچ ئىلىپ كەلدى،شۇنىڭ بىلەن بىرگەدوللارباھاسى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ،نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە كۈچ قوشتى،بىراق11-ئايلىقOPECنېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئىشىپ،يىڭى يۇقىرى ئورۇنغا چىقتى،بۇ ئەھۋال نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلەش پىلانىغا توسقۇنلۇق ئىلىپ كەلدى.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.