Opec 8 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىشتە كېلىشىم ھاسىل قىلدى

hasiyat 2016-12-01 19:13:17

\

پەيشەنبە ( 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ) ياۋروپا شەھەر بازىرىدا ، خام نېفىت باھاسى داۋاملىق ئۆستى ، بىر كېچە ئۆتىشى بىلەن % 10 ئۆرلەپ كەتتى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى نېفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى Opec بىلەن رۇسىيە مەھسۇلاتنى كېمەيتىپ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن تەمىنلەشنى يوقىتىشقا قوشۇلدى.
Opec چارشەنبە كۈنى _11-ئاينىڭ 30-كۈنى) 2008 - يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىشنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئىراننىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش تەلىپىدىن ۋاز كەچتى.
Opec نىڭ غەيرىي ئەزاسى بولغان روسىيە يەنە مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش قاتارىغا قېتىلغان بولۇپ، بۇ 15 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم Opec قا ياردەملىشىپ نېفىت باھاسىغا تېرەك بولۇشى ھىسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكىسى Jefferies بولغان Jason Gammel نىڭ بىلدۈرىشىچە، پايدا كۆپ بولۇپ، نۆۋەتتە نېفىت باھاسى ئاللىقاچان زور تىرەك ئىگە بولدى.
كېلىشىم ھاسىل قىلىغان بولسىمۇ، لېكىن مەھسۇلات كېمەيتىشكە يەنىلا گۇمان مەۋجۇت . « كېلىشىم مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەيدۇ، ھەرگىزمۇ ئىكىسپورت مىقدارىنى ئەمەس».
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مورگان سىتانلىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : « بەزى دۆلەتلەرنىڭ كېلىشىمگە ئەمەل قىلىدىغان ياكى ئەمەل قىلمايدىغانلىقى ھەققىدىمۇ گۇمان مەۋجۇت، بۇ نېفىت باھاسىنىڭ يىل ئىچىدىكى يۇقىرى نۇقتىدىن تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
بېيجىڭ ۋاقتى 16:44 ، برېنت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى % 0.8 ئۆسۈپ، 51.92 دوللار / تۇڭ بولدى. ئامېرىكا نېفىت قەرەللىك مال باھاسى %0.04 چۈشۈپ، 49.43 دوللار / تۇڭ تۆۋەن بولدى .

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.