نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئامىل

zumrat 2016-10-19 15:52:51

\

چارشەنبە كۈنى بىيجىڭ ۋاقتى 4:30دا ئىلان قىلىنغان ئامېرىكاAPIنېفىت زاپاس مىقدارى تۆۋەنلىدى،ھەم نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر (OPEC)تەشكىلاتىنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش كېلىشىمى تۈزۈش پىلانىنىڭ يۈرگىزىلىشىدە ئۈمۈد پەيدا بولدى،شۇ سەۋەبتىن چارشەنبە كۈنى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.

ئامېرىكا WTIقەرەللىك نېفىت باھاسى 50.81دوللار/باك ئەتراپىغا يېقىنلاشتى،ئالدىنقى قىتىمقىدىن%1يۇقىرى ئۆرلىدى.برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى46سىنت ئۆرلەپ 52.14دوللار/باك بولدى.

تاشقى پېرېۋوت بېدىكى ئەندا (OANDA)يۇقىرى دەرىجىلىك ئانالىزچىسىنىڭ ئىپادىلىشچە،ئامېرىكا APIسانلىق قىممىتى ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن،ئاسىيا بازىرىدا نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.

سەيشەنبە كۈنى كەچتە ئىلان قىلىنغان ئامېرىكا APIسانلىق قىممەت كۆرسىتىلىشچە، 10-ئاينىڭ14-كۈنگىچە ،نېفىت زاپاس مىقدارى 380مىڭ باكتىن 4.671مىليون باكقا تۆۋەنلىگەن.

ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسى پىلانىدا چارشەنبە كۈنى كەچتەEIA نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ سانلىق قىممىتى ئىلان قىلىندۇ.




سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.