2016-يىلى 9-ئاينىڭ29-كۈنى نېفىت سودا تەھلىلى

karima 2016-09-29 12:27:32

\

ئاساسىي ئانالىز

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا-11ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت بازار يىپىلىش باھاسى 2.38 دوللارئۆسۈپ،47.05 دوللار/باك بولدى.برېنت -11ئايلىق قەرەللىك نېفىت بازار يىپىلىش باھاسى 2.72 دوللارئۆسۈپ 48.69 دوللار/باك بولدى.نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى(OPEC) مەھسۇلات مىقدارىنى توڭلىتىش كېلىشم ھاسىل قىلدى،بۇ8 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەھسۇلات مىقدارىغا چەكلىمە قويۇشى بولۇپ، ئۇچۇر تارقالغاندىن كېيىن نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.ئامېرىكا WTIقەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا47.43دوللار/باك بولدى،برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا49.49دوللار/باك بولدى.

مەشغۇلات باسقۇچى

تۈنۈگۈن نېفىتنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 47.45-44.35 دوللار ئادرلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. تۈنۈگۈن كەچتە ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى نېفىت باھاسىغا پايدىلىق چىقىتى ھەمدە ئوپىك يىغىنىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ ، مەھسۇلات مىقدارىنى توڭلىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى ، بۇ نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ نېفىت باھاسى چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىدى، تۈنۈگۈن بىز تەھلىلدە ئالدىنقى كۈنى نېفىتنى 45 نىڭ يۇقىرىدىن ئۆسۈشكە ئالغان ماللارنى ساقلاپ قويۇپ، پۇرسەت كەلگەندە چىقىرىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدۇق، كەچ تەرەپتىن بىزگە بۇ پۇرسەتنى بەردى.

1. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئاسىيا بازىرىدا يۇقىرى نۇقتىدىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز. مۇۋاپىق ئۆسۈشكە ئېلىش نۇقتىلېرىنى توپتا ئەسكەرتىمىز.. قالغان تەپسىلىي سودا تەھلىلى qqvip توپلېرىغا يوللاندى.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
47.5 46.5
دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ چارشەنبە كۈنىگىچە نېفىت توغرىسىدا يىغىن ئېچىلىۋاتىدۇ، يىغىن نەتىجىسى ئېلان قىلىش ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، شۇڭا يىغىن نەتىجىسى چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن نېفىتنى ئوتتۇرا مەزگىللىك سودا قىلىشنى ئويلىشىمىز.


مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.