2016-يىلى 9-ئاينىڭ26-كۈنى نېفىت سودا تەھلىلى

karima 2016-09-26 11:18:41

\

ئاساسىي ئانالىز

ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئامېرىكا 11- ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 1.84 دوللار تۆۋەنلەپ، 44.48 دوللار/باك بولدى. برېنىت 11- ئايلىق قەرەللىك نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 1.76 دوللار تۆۋەنلەپ، 45.89 دوللار/باك بولدى. سەۋەبى يېقىنقى مەزگىلدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى توڭلىتىش كېلىشىمىگە بولغان پوزىتسىيەسى ئېنىق بولمىدى، جۈمە كۈنى كېلىشىم ھاسىل قىلالمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، مەبلەغ سالغۇچىلار چوڭ زەربىگە ئۇچرىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسى سانى داۋاملىق ئېشىپ، نېفىت باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 44.23 دوللار/باك بولدى، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 45.66 دوللار/باك بولدى.

مەشغۇلات باسقۇچى

نېفىت ئالدىنقى ھەپتىدىكى بىر ھەپتىلىك تەۋرىنىشى 46.55-43 ئەتراپىدا تەۋرەندى، ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى بىز نېفىتنى 45.4 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 46.2-46.5 ئەتراپىدا چىقاردۇق، ھەمدە 46.3 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسنى 45-45.4 كىچە كۆردۇق، ئەگەر جۈمە كۈنى مۇشۇ بويىچە سودا قىلالىغان بولساق 200 نۇقتا يەنى 2 دوللار پايدا كۆرگەن بولىمىز.

ئومۇمەن ئالدىنقى ھەپتە نېفىت باھاسى 46.55 دىكى نۇقتىغا بىر قانچە قېتىم كېلىپ بۇ نۇقتىدىن ئېشىپ كېتەلمىدى، بۇ ھەپتە نېفىت باھاسى يىغىن نەتىجىسى چىقىشتىن بۇرۇن تۆۋەنگە تەڭشەشنى ئاساس قىلغان تەۋرەنمە تەۋرىنىش ھالىتىدە بولىدۇ.
1.بۈگۈن يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز،قالغان تەپسىلىي سودا تەھلىلى qqvip توپلېرىغا يوللاندى.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
42.7 46.55 (بۇ ھەپتە)

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.