نېفىت توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قىزىقامسىز؟

gulbostan 2016-08-24 11:37:36

\

سەيشەنبە ئامېرىكا 10- ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 0.69 دوللار ئۆسۈپ، 48.10 دوللار/باك بولدى. برېنىت 10- ئايلىق قەرەللىك نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 0.80 دوللار ئۆسۈپ، 49.96 دوللار/باك بولدى. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە ئىران سىگنال چىقىرىپ، نېفىت باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك كوللىكتىپ ھەركەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خەۋەر كېيىنكى ئايدىكى مەھسۇلات مىقدارىنى توڭلىتىش كېلىشىم سۆھبىتىنى باشلاشقا ياردىمى بولۇپ، نېفىت باھاسى ئۆسۈش ئىشەنچىگە ئېرىشتى. لېكىن نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر لېۋىيە، ئىراق ۋە نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش ئالامەتلېرى كۆرۈلگەن، بۇ ئەھۋال ئەمدىلا جانلىنىۋاتقان نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش ھالىتىنى چەكلەپ قويدى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 48.31 دوللار/باك بولدى، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 50.20 دوللار/باك بولدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.