2016-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى نىفىت سودا تەھلىلى

karima 2016-07-01 11:01:30

\


ئاساسىي ئانالىز

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا 8- ئايلىق قەرەللىك نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 1.55 دوللار تۆۋەنلەپ، 48.33 دوللار/باك بولدى. برېنىت 8- ئايلىق قەرەللىك نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 0.93 دوللار تۆۋەنلەپ، 49.68 دوللار/باك بولدى. نىگېرىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) نىڭ 6- ئايلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يېقىنقى مەزگىلدە تارىخىي يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدىنى قۇلۇپلاپ قويىشىمۇ نېفىت باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 48.17 دوللار/باك بولدى، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 49.55 دوللار/باك بولدى. تۈنۈگۈن نېفىت باھاسى 3442بىلەن2370 ئارلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. تۈنۈگۈن بىز تەھلىلدە نېفىتنى 2440 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسنى 2420 ۋە ئۇنىڭ تۆۋەنكى نۇقتىلاردا چىقاردۇق، ھەمدە كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 2390 دىن ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسنى 2420 گىچە كۆرۈشنى ھەمدە قايتا 2425-2440 دىن چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسنى 2385 گىچە كۆرۈش تەكلىپىنى بەردۇق، ئەگەر مۇشۇ بويىچە سودا قىلغان خېرىدارلار بولسا تۈنۈگۈن نېفىت سودىسىدىن جەمئىي 100 نۇقتىغا يېقىن پايدا كۆرگەن بولىدۇ.

مەشغۇلات باسقۇچى

1.بۈگۈن نېفىت باھاسى 2417-2427 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ ، پايدىسىنى 2368-2392 گىچە كۆرۈمىز، ئەگەر 2368 دىن چۈشۈپ كېتەلىسە 2343گىچە كۆرۈشكە بولىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

2368

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.