2016-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى نىفىت سودا تەھلىلى

karima 2016-06-27 11:55:09

\

ئاساسىي ئانالىز

نېفىت باھاسى ئالدىنقى ھەپتە ئەنگىليەنىڭ بېلەت تاشلاش نەتىجىسى ۋە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، ھەمدە كانادانىڭ داۋاملىق تۈردە نېفىت زاپاس مىقدارىنى ئاشۇردىغانلىقى توغرىسىدىكى پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن نېفىت باھاسى داۋاملىق چۈشۈشنى ئاساس قىلدى.جۈمە كۈنى 8- ئايلىق ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى2.47دوللار ئۆسۈپ 47.64/ باك بولدى 8-ئايلىق برېنت بازار يېپىلىش باھاسى 2.50 دوللار ئۆسۈپ 48.41 دوللار/ باك بولدى ، ئەنگىليەنىڭ ياۋرودىن چېكىنىشى سودا بازار خەۋپ-خەتەر كەيپىياتىغا كۈچلۈك بىسىم ئىلىپ كېلىپ ، خەۋپىتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە دوللار قىممىتىنىڭ كۈچىيىشى نېفىت باھاسىغا بىسىم ئىلىپ كېلىپ قايتا تۆۋەنلىدى،بىراق ئامېرىكا نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسى سانىنىڭ تۆۋەنلىشى نېفىت باھاسىغا تىرەشلىك بولدى،wti قەرەللىك نېفېت باھاسى ئەڭ تۆۋەن باھا 46.75دوللار/ باك بولدى،برېنىت قەرەللىك نېفېت باھاسى ئەڭ تۆۋەن باھا 47.55 دوللار/ باك بولدى .

مەشغۇلات باسقۇچى

1.كۈندىلىك سىزىق جەھەتتە نېفىت باھاسى 2254دىكى تىرەش نۇقتىسىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئەگەر بۇ نۇقتىدىن چۈشۈپ كېتەلمىسە قايتا ئۆرلەشنى ئاساس قىلىدۇ، ئەگەر بۇ نۇقتىدىن چۈشۈپ كەتسە كېيىنكى تىرەش نۇقتىسى 2106 بولۇپ يەنىلا قىسقا ۋاقىتلىق چۈشۈشنى ئاساس قىلىدۇ. بۈگۈن نېفىت باھاسى 2360-2385 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىشقا بولىدۇ،ئەگەرقولدا مال يوق خېرىدارلار بولسا 2321-2326دىن يېنىك دەرىجىدە ئۆسۈشكە ئىلىپ ئۇنىڭ پايدىسىنى 2360 گىچە كۆرۈشكە بولىدۇ.

2.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

2254

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.