2016-يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇنقى نېفىت باھاسى 55دوللار ئەتراپىغىچە ئۆرلىشى مۇمكىن

gulbostan 2016-06-23 11:42:08

\

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت سودا شىركىتىنىڭ باش ئىجراچىسى Ian Taylor6-ئاينىڭ22-كۈنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن روسىيە ئېنىرگىيە مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ھەمدە ئېھتىياجنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن بۇرۇنقى نېفىت باھاسى 55دوللار ئەتراپىغىچە،ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرىراق ئۆرلىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىدى. ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى نېفىت ئامبار زاپىسى ئالدىن مۆلچەردىنمۇ تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بېنزىن ۋە چەككىلەنگەن نېفىت زاپىسىنىڭ ھەسسىلەپ ئۆرلىشى بازاردىكى مەبلەغ سېلىش كەيپىياتىنى تۆۋەنلىتۋەتتى. ئامېرىكا نېفىتىنىڭ 8 -ئايدىكى قەرەللىك مال 6-ئاينىڭ22-كۈنى 0.72 دوللار يەنى % 1.44چۈشۈپ، ھەر باكى49.13دوللار بولدى. برۇنت نېفىتىنىڭ بولسا 0.74 دوللار يەنى% 1.46 چۈشۈپ ، ھەر باكى 49.88دوللار بولدى.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.