خەلقئارا نىفىت باھاسى ئاسىيا بازىرىدا مۇقىملاشتى

sayibjamal 2016-05-30 13:29:24

\

FX168خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نىفىت باھاسى دۈشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 30-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا بىر قەدەر مۇقىملاشتى. دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا نىفىت قەرەللىك مال WTI باھاسى %0.02 ئۆستى، ھەر بىر باكىنىڭ باھاسى 49.72 دوللار بولدى. برەنىت نىفىت قەرەللىك مال باھاسى %0.21 چۈشۈپ، ھەر باكىنىڭ باھاسى 49.89 دوللار بولدى.
نىفىت سودىگەرلىرىنىڭ دېيىشىچە، ھازىر ئامېرىكىنىڭ يازلىق ماشىنا ئىشلىتىش ئېھتىياجىنىڭ يۇقىرى بولىدىغان مەزگىلى باشلانغان بولۇپ، پەسىل خاراكتىرلىك ئېھتىياج ئاشقان. يازدا ماشنا ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلى دائىم دۈشەنبە كۈندىكى ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلارنىڭ خاتىرە كۈنىدىن باشلىندىكەن.
ھازىر بازار پەيشەنبە كۈنى (6-ئاينىڭ 2-كۈنى) ۋېنادا ئۆتكۈزۈلدىغان نىفىت ئىكىسپورت قىلدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) يىغىنىغا دىققەت قىلىۋاتىدۇ. بىراق نۇرغۇن ئانالىزچىلار بۇ يىغىن نىفىت ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغان ھېچقانداق قارار چىقارمايدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.