نىفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

sayibjamal 2016-05-27 16:15:55

\

FX168خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: پەيشەنبە (5-ئاينىڭ 26-كۈنى) كەچتە، ياۋرۇپا بازىرىدا ئامېرىكا WTI نىفىت باھاسى 50 دوللار/ باك بولغان. بۇ نىفىت باھاسىنىڭ بۇ يىل ئەڭ تۆۋەن نۇقتا بولغاندىن بۇيانقى %100 ئۆسكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بىراق، نىفىت باھاسى ئۆسۈپ مەلۇم ۋاقىتقا بارغاندا، بىر تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىغا يىتىپ بارىدۇ، ئۇ دەل ئامېرىكا سېلانتېس مېيى ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىشنى توختاتقانلىقى بولىدۇ. ئاندىن نىفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئىلگىرى يېپىلغان نىفىت تۈرلىرى قايتىدىن قوزغىلىشقا باشلايدۇ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى قايتىدىن ئۆرلەيدۇ.
بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولغان نىفىت باھاسى نىفىت ئېكىسپورت قىلدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نىفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىشكە قارىتا ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئۇلار 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋىنادا يېرىم يىللىق نىفىت يىغىنى ئاچىدۇ. بىراق بەزىلەرنىڭ قارشىچە، نىفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، نىفىت ئېكىسپورت قىلدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر نىفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپەيتىدىكەن.
ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا، نىفىت باھاسىنىڭ 50دوللار/باك بولۇشى يېڭى بىر قېتىملىق نىفىت بازىرىدا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرسىدا تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، نىفىت باھاسى ئۇزۇن مۇددەت 50 دوللار/ باك باھادا تۇرۇشى ناتايىن. شۇڭا يېقىنقى مەزگىلدە بازارنىڭ دىققەت قىلۋاتقان نۇقتىسى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋېنادا ئۆتكۈزۈلدىغان OPEC يىغىنى بولىۋاتىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.