نېفىت باھاسى داۋاملىق ئېشىپ كېتەلەمدۇ؟

karima 2016-05-26 18:36:16

\


پەيشەنبە كۈنى ياۋرۇپا بازىرىدا، خەلقئارا قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى ھەر باكى 50 دوللاردىن ئاشتى، ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپ سانلىق ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە ئالدىنقى ھەپتىلىك نېفىت زاپاس مىقدارى چۈشۈش دائىرسى مۆلچەردىكىدىن چوڭ چىقىپ، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.

CMC Markets باش بازار سىتراتىگىيچىسى Ric Spooner ئىپادە بىلدۈرۈپ، گەرچە ئېھتىياج ئاشقان، كانادا ئوت ئاپىتى ۋە لىۋىيە، نىگېرىيە تىرورلۇق ۋەقەلېرى سەۋەبىدىن تەمىنلەش توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا بازار تەمىنلەش يەنىلا ئېشىپ كەتكەن.

ئامېرىكا ئېنىرگىيە مىنىستىرلىكىگە تەۋە ئېنىرگىيە باش ئۇچۇر مەھكىمىسى (EIA) تۈنۈگۈن كەچ ئېلان قىلغان سانلىق ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئاينىڭ20-كۈنىگىچە بولغان شۇ ھەپتىلىك، ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى 4 مىليون 200 مىڭ باك ئېشىپ 5.371 مىليون باكقىچە بولۇپ، يەتتە ھەپتىدىن بۇيانقى تاق ھەپتىلىك چۈشۈش دائىرسىنى كۆرسەتتى.

Ayers Alliance مەبلەغ سېلىش باشلىقى Jonathan Barratt نىڭ ئېيتىشىچە،" غەربىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەسىلىسى سەۋەبىدىن تەمىنلەش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئېھتىياج ئاشقان، بەلكىم دوللارنىڭ ئازراق تۆۋەنلىشىنى قوشۇلغاندا، بۇ ئامىللار بىردەك نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن." دەپ ئېيتقان.

ئۇ يەنە " مېنىڭ قارىشىمچە بۇ پايچېكى ئۆسۈش يۆنىلىشى ئۇزۇنغا بارمايدۇ، چۈنكى نېفىت باھاسى ئامېرىكا سىلانتىس مېيى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بازارغا قايتا كىرگۈدەك ھالەتكە كېلىدۇ." دەپ ئېيتقان.

بېيجىڭ ۋاقتى 15:42 دە، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.62 ئۆسۈپ، 50.05 دوللار/باك بولدى؛ ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.59 ئۆسۈپ، 49.86 دوللار/باك بولدى.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.