نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى داۋاملاشتى

parida 2019-04-25 16:16:38

\


4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، نېفىت بازىر يەنىلا ئاكتىپ ھالەتنى ساقلىغان بولۇپ، ئامېرىكا غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتى سەيشەنبە كۈنى %1.14 ئۆسۈپ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 66.60 ئامېرىكا دوللارغا چىققان. برېنت خام نېفىتىنىڭ باھاسى %0.63 ئۆسۈپ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 74.73 ئامېرىكا دوللارغا چىققان. ئامېرىكا گەرچە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىراننىڭ خام نېفىت ئېكسپورت بوشلۇقىنى تولدۇرالىشىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئالدىرىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ سەۋەبتىن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش ئېھتىماللىقى توغرىسىدىكى مۆلچەرى يەنىلا يۇقىرى بولغان، ئەمما ئامېرىكا دوللارنىڭ ئۆسۈشى ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈش بوشلۇقىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەپ قويغان.

ئىران ھۆكۈمەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئىران Hormuz بوغۇزىنى پايدىلىنىشتىن چەكلەنسە، ئۇنداقتا ئىران Hormuz بوغۇزىنى قامال قىلىدىكەن. Hormuz بوغۇزى-بىر تار سۇ يولى بولۇپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى 1\5 قىسىم نېفىت سودىسى مۇشۇ يول ئارقىلىق توشۇلىدىغان بولغاچقا، ئىلگىرى ئىران ئەمەلدارلىرىمۇ مەزكۇر بوغۇزنى قامال قىلىپ، ئىرانغا يۈرگۈزۈلگە جازاغا تاقابىل تۇرماقچى بولغان. ئامېرىكا ئاللىبۇرۇن تەدبىر قوللىنىپ، ئىراننىڭ مەزكۇر سۇ يولىنى قامال قىلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.