سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسىگە قارىتا ئالدىن مۆلچەر

kudret 2019-01-30 18:40:09

\


سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا 3‏-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 1.32 دوللار ئۆرلەپ، 51.99 دوللار\باك بولدى. برېنت 4‏-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 1.39 دوللار ئۆرلەپ، 61.20 دوللار\باك بولدى. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىشلەپ چىقرىىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىگە كۈچ چىقىرىش ھەم ۋېنسېئۇلانىڭ خەتەر كەيپىياتىنىڭ داۋاملىق داۋاملىشىشى يەنىلا نېفىت باھاسىغا ئۈنۈملىك تىرەش ئېلىپ كەلدى، بۇ ئەھۋال ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشى ئېلىپ كەلگەن قىسمەن پايدىسىز تەسىرنى يوققا چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دوللار باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى نېفىت باھاسىغا بەلگىلىك نىسبەتتە تىرەش ئېلىپ كەلدى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 53.93 دوللار\باك بولدى، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 61.69 دوللار\باك بولدى.

چارشەنبە كۈنى ياۋروپا بازىرى ئېچىلغان ۋاقىتتا نېفىت باھاسى داۋاملىق تەۋرەنمە تەۋرىنىش ھالىتىنى ساقلىدى، ھازىر 53.30 دوللار ئەتراپىدىكى باھادا تەۋرىنىش ئېلىپ بېرىشنى ئاساس قىلدى، تۆنۈگۈن كەچ نېاىت باھاسى 2.5% ئەتراپىدا يۇقىرىغا ئۆرلەشنى ئاساس قىلدى، چۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت ئىشلەپ چىقىرىش ھەرىكىتىنى كېمەيتىشكە بولغان ئىرادىسى نېفىت باھاسىغا تىرەش ئېلىپ كەلدى، API نېفىت زاپاس مىقدارى سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى پايدىلىق ھەم پايدىسىز تەسىرى ئورتاق بولدى، ئومۇمى جەھەتتىن نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشگە توسالغۇ شەكىللەندۈردى. تېخنىكىلىق يۈز جەھەتتىن قارىغاندا، نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلەش ئېھتىماللىقى بار، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىسى بولسا كەچ تەرەپتە ئېلان قىلىنىدىغان EIA سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى زاپاس مىقدارى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.