نېفىت يۆلىنىشىگە قارىتا ئالدىن پەرەز

xayida 2018-05-18 15:12:36

\

نېفىت ئايلىق ۋە ھەپتىلىك سىزىق جەھەتتىن يەنىلا ئۆسۈش يۆلىنىشىنى ئاساس قىلىۋاتقان بولۇپ ، يۇقىرى توسالغۇ نۇقتىسى 74 ۋە 78 دىكى باھالار ، كۈندىلىك سىزىق جەھەتتە 71 دىكى تىرەشكە دىققەت قىلىمىز ، تىرەشنى بۇزسۇن ياكى بۇزالمىسۇن ، بىز نېفىتنى تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز .

ھەمدە دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا نېفىت باھاسىنىڭ بۈگۈنكى بازار يېپىلىش باھاسى بولۇپ ، ئەگەردە نېفىت باھاسى 71 ئەتراپىدا ۋە ئۇنىڭ تۆۋەنكى نۇقتىلىرىدا يېپىلىپ قالسا،ئالدىمىزدىكى ھەپتە نېفىت باھاسىنىڭ 69.5 ئەتراپىغىچە چۈشۈش بوشلۇقىنى شەكىللەندۈرۈش ئېھتىماللىقى بار ھەمدە تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشقا پۇرسەت بېرىدۇ . ئەگەردە بازار يېپىلىش باھاسى 71 نىڭ يۇقىرىقى باھالىرىدا يېپىلىپ قالسا ، داۋاملىق ئۆرلەش يۆلىنىشىنى ئاساس قىلىپ ، يۇقىرى توسالغۇ نۇقتىلارغا ئىنتىلىشى مۇمكىن .

شۇڭا قولىدا تۆۋەن باھادىن ئېلىۋالغان چۈشۈش مېلى ، يۇقىرى باھادىن ئېلىۋالغان ئۆسۈش مېلى بار خېرىدارلار بولسا ، نېفىت باھاسىنىڭ بۈگۈنكى بازار يېپىلىش باھاسىغا قارىتا پۇرسەت بەرگەن ماللارنى چىقىرىشقا دىققەت قىلساق بولىدۇ .
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.