نېفىتقا قارىتا پايدىلىق ۋە پايدىسىز ئامىللار كۆپەيدى

xayida 2018-05-17 12:52:54

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى:چارشەنبە(5-ئاينىڭ16-كۈنى) خەلىقئارا نېفىت باھاسى چۈشۈش نىسبىتى كېمەيدى ،چۈنكى ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ماي زاپاس مىقدارى چوڭ كۆلەمدە تۆۋەنلىدى ،گەرچە ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئاشقان بولسىمۇ ،بىراق دوللار باھاسى ئۆرلەپ ،يەنىلا نېفىت باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى .ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 70.67 دوللار\باك بولدى ،برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 77.62 دوللار\باك بولدى .

ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسى ( EIA ) ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ،5-ئاينىڭ 11-كۈنى شۇ ھەپتە ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى 140.4 مىڭ باك تۆۋەنلىدى ، بازار ئالدىن مۆلچەرىدە 76.3 مىڭ باك تۆۋەنلىگەن ، ئەمما تۈنۈگۈن سەھەر ئېلان قىلىنغان (API)دوكلاتىنىڭ نەتىجىسىدە 484.5مىڭ باك ئاشقان .

يەنە بىر تەرەپتىن ،ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا بېنزىن ۋە چەككىلەنگەن ماي زاپاس مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 3 مىليون 790 مىڭ باك ۋە 92 مىڭ باك تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ ،بىراق ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق نېفىت ھېسابنى ئۈزىدىغان جاي ئىشتاتى كۇشىڭ رايونىدىكى ئىسكىلاتتا ساقلىنىۋاتقان نېفىت ئامبار زاپىسىنىڭ كۆپىيىشى 53 مىڭ باك بولغان .

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.