نېفىت بازىرىغا پايدىلىق ۋە پايدىسىز ئامىللار

parida 2018-04-18 13:51:43

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتىنىڭ 5-ئايلىق قەرەللىك مال باھاسى سەيشەنبە كۈنى (4-ئاينىڭ 17-كۈنى) 0.30 دوللار ياكى %0.45 ئۆرلەپ 66.52 دوللارغا چىقتى. برېنت خام نېفىتىنىڭ 6-ئايلىق قەرەللىك مال باھاسى 0.16 دوللار ياكى %0.22 ئۆرلەپ 71.58 دوللارغا چىقتى. گەرچە سۇرىيە ۋەزىيىتى ۋاقتىنچە بېسىققان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ رۇسيەگە يۈرگۈزىدىغان جازانى ئېغىرلىتىش ئېھتىماللىقى ھەمدە ئېران كېلىشىمىنىڭ ئېنىقسىزلىقى يەنىلا ماي باھاسى ئۈچۈن تىرەكلىك رول ئوينايدۇ، شۇنداقتىمۇ مەبلەغ سالغۇچىلار خام نېفىت زاپسى دوكلاتى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك.
نېفىت بازىرىغا پايدىلىق ئامىللار:
1. رۇسيە تەرەپ دۈشەنبە كۈنى غەرب دۆلەتلىرى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ «ب د ت ئاساسىي قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلىپ سۇرىيەگە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ زەربە بەرگەنلىكى، خەلقئارالىق ۋەزىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى. ئامېرىكىمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرماي جۇڭگو بىلەن رۇسيەگە يەنە بىر قېتىم زەربە بېرىپ سودا ئۇرۇشى پارتىلاش ئېھتىماللىقىنى يەنە كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىمۇ نېفىت بازىرىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئېرانغا يېڭى بىر نۆۋەت جازا يۈرگۈزۈشى ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن.
2. خەلقئارا ئىنېرگىيە ئۇچۇر ئىدارىسى (IEA) ئېلان قىلغان ئايلىق دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشىنىڭ تەسىرىنى چەكلىگەچكە، 3-ئايدا دۇنيا خام نېفىت بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 120 مىڭ تۇڭ ئازايغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەككىلەنگەن نېفىت مەھسۇلات زاپسىمۇ تۆۋەنلەپ 5 يىللىق ئوتتۇرىچە سەۋىيىدىن تۆۋەن بولغان.
3. (OPEC) تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئايلىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئايدا (OPEC) تەشكىلاتىنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 201 مىڭ 400 تۇڭ ئازايغان بولۇپ، بىر يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خام نېفىت زاپسىمۇ ئىزچىل تۆۋەنلىگەن.
4. ئامېرىكا ئىنېرگىيە ئۇچۇر ئىدارىسىنىڭ 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلغان قىسقا مەزگىللىك ئىنېرگىيە كۆزلىمىسى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى دۇنيا خام نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۈنىگە 90 مىڭ تۇڭدىن بىر مىليۇن 790 مىڭ تۇڭغا تەڭشەلگەن، 2019-يىللىق دۇنيا خام نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 130 مىڭ تۇڭدىن بىر مىليۇن 850 مىڭ تۇڭغا تەڭشەلگەن.‌
5. كەسپىي خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، (OPEC) تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بۇ يىل 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش كېلىشىمىنى 2019-يىلىغىچە ئۇزارتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نېفىت بازىرىغا پايدىسىز ئامىللار:
1. ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكا شىركىتىنىڭ جۇڭشىڭ گۇرۇھىغا 7 يىلغىچە زاپچاس، تاۋار، يۇمشاق دېتال ۋە تېخنىكا قاتارلىقلارنى سېتىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، جۇڭگو سودا مىنىستېرلىقى بۇنىڭغا قارىتا تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىمپورت مال تىجارەتچىلىرى ئىمپورت ماللار تەكشۈرۈلىدىغان چاغدا %178.6 لىك كېپىللىك پۇلى نىسبىتى بويىچە تېگىشلىك كېپىللىك پۇلى تاپشۇرۇشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى.
2. ئامېرىكا نېفىت شىركىتى Baker Hughes جۈمە كۈنى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە، ئامېرىكا نېفىت بۇرغىلاش قۇدۇقىدىن يەتتىسى كۆپىيىپ 815 كە يەتكەن، 2015-يىلى 3-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىنى ياراتقان.
3. خەلقئارا ئىنېرگىيە ئۇچۇر ئىدارىسى (IEA) 2018-يىلى غەيرىي ئوپېك تەشكىلاتىنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ كۈنىگە بىر مىليۇن 800 مىڭ تۇڭ ئاشىدىغانلىقىنى، 2017-يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. (IEA) ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ساغلام ھالەتتە بولغاچقا، خەلقئارا ماي باھاسى بۇلتۇر 6-ئايدىن باشلاپ %55 ئەتراپىدا ئۆرلىگەن، ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى مەلۇم دەرىجىدە نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىنى چەكلەپ قويۇشى مۇمكىن.
4. (OPEC) تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئايلىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى رايونىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ داۋاملىق ئاشقان بولغاچقا، بۇيىلنىڭ 1-پەسىلىدە غەيرىي (OPEC) تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى بولغان، شۇ سەۋەبتىن بۇيىل غەيرىي (OPEC) تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى كۈنىگە 80 مىڭ تۇڭ قىلىپ تەڭشەلگەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.